ئاتا ئاناڭنى رازى قىل
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
ئاتا-ئانىلار بىزلەرگە تەۋەرۈك،
ئۇلار بىزلەرگە مەڭگۈلۈك ئەمەس.
ھايات چېغىدا قىلۋالغىن رازى،
كەتسە كەيندىن كەتكۈلۈك ئەمەس.
ئۇلار كۈتمەيدۇ سىنىڭ پۇلۇڭنى،
دىدارىڭنى كۆرسە قىلدۇ شۈكۈر.
ئانىنڭ تامچە ئاپئاق سۈتىگە،
پەرزەنتنڭ قايتۇرار قەرزى كۆپتۇر.
سۇ بەرسەڭمۇ ھايات چېغىدا بەر،
كەتكەندە شەربەتلەر سۇنساڭ بەربىر.
كەتكەندە زارلىنىپ ئۆزىڭنى مۇشتلاپ،
ئالتۇندىن قەبىرىلەر قۇرساڭ بەربىر.
ئاتا-ئانىلار كۆڭلى مىسالى ئوكيان،
سەۋەنلىكىڭ يىڭندەك يۈتۈپ كېتىدۇ.
شوقلۇقتىن ئۇلارنى قىلساڭمۇ خاپا،
مەڭزىڭگە سۈيىدۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
131 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-29 23:54:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-6 22:20:01 | zumrat |
Bak yarede rahmat terxeg |
2016-12-5 1:21:09 | ئابدۇقادىر |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|