ئىقرارنامەم - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

ئىقرارنامەم

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


ياشاش ئۈچۈن بەزىدە تەخسە كۈتۈردۈم،
سەۋدالىق ئوتىدا يەنە ۋىجدان يۈتۈردۈم.
يەتمەك ئۈچۈن قەلىبدىكى بۈيۈك ئارمانغا،
ئۈزۈمنى بەزلەپ يالغانغا قەلىب كۆندۈردۈم.

ھاياتقا بەزىدە ھۆكىرەپ,ئالىيىپمۇ باقتىم،
تۇرمۇش ئۈچۈن جاپانىڭ كوچىلىردا ئاقتىم.
قىسمەت ئاجايىپ ھەممىنى كۆرسەتتى ماڭا،
شاھمۇ بولغانتىم يەنە غېرىپ كەپىدە ياتتىم.

سۆيگۈ دەپ كېچىلەردە توۋلىغىنىم راس،
يالغان دەپ ھەممىلەرنى ئويلىغىنم راس.
دىمىق ھاۋادا لەيلىگەن قۇيۇق ئىس كەبى،
ھەممىنى ئۇنتۇپ بىخۇتلىقتىن ئوينغنم راس.

كۆيگەنلەر بەرسە كۆڭۈل ئارقامغا قاچتىم،
پەرۋا قىلمىدىم ئازاپنىڭ ئۇرقىنى چاچتىم.
توۋا ھەيرانمەن ھايات كۆرسەتكىنى قىزىق،
كۆيگۈنۈم ئىتترسمۇ مەيدە كەيندىن چاپتىم.

ھەمراھ قىلىپ ئاتام ئارزۇسنى تۇغۇلغان،
مىسالى پەرشتە ئانام مېھرىگە تۇيۇنغان.
غېرىپلاندى ماڭا باغلانغان ئەلنڭ ئۈمۈدى،
ئايلاندىم قەپەزدىكى قۇشقا قانىتى بۇغۇلغان.

بىلمەپتىمەن مەندىن نېمىلەر كۈتىدۇ ئەتە،
مەن ئۇيقىدا سەگەكلەر تۇراركەن ھەركەتتە.
بىخۇتلۇق بەزلەپ قەلبىم ئۇخلاتتى شىرىن،
بېرىپ ئۆلۈم يېقىنلاپ كەلگەندىن شەپە.





83 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-5 2:27:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ