ھاراقكەش
تىنىم تاپماي ئىشلەيسەن پۇل تېپىشنىڭ كۇيىدا،
پۇلنى سېلىپ يانچۇققا ماڭدىڭ شەيتان يۇلىدا.
ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ يۈرمىگىن سەن كۇچىدا،
قەدىرلىگىن ياشلىقنى لەنەت ساڭا ھاراقكەش.
ئاتا ئاناڭ ئىشلەيدۇ ھېرىپ چارچاپ ئېتىزدا،
سەن ئۆيۈڭگە كەلگەندە بىغەم ياتىسەن ئۇيقىدا.
بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزمە قاۋاقخانا دۇكاندا،
شۇ مېھرىبان ئاناڭغا ئىچ ئاغىرتقىن ھاراقكەش.
كەتكەن ۋاقىت قەتئىلا يېنىپ كەلمەس كەينىگە،
ياشلىق باھار ئالتۇندەك يەتكىن ئۇنىڭ قەدرىگە.
جاۋاپ قايتۇر ئاناڭنىڭ سىنى باققان ئەجرىگە،
ئەمدى ھەرگىز ماڭمىغىن تۇيۇق يولدا ھاراقكەش.
بۇ شىئېرنى جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئويۇن ئويناش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان نادان ياش ئوغۇل قىزلاغا بېغىشلايمەن ،
ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»
( 2016.9.5 )
52 قېتىم كۆرۈلدى | ihbali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-23 14:02:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|