چىدالمىدىم جان دادا - ھەسەنجان ئۇچقۇن
.....چىدالمىدىم جان دادا.....
.............................................
كۆزلۈرۈمگە كۈرۈنەتتىڭ كىچىدىكى ئاي كەبى ،
باسالمايدۇ ئىزىڭنى كۆيدۈم دىگەن ئاي پەرى .
ساڭا ئەسلا ئوخشىماس دۇنيارىمدا ھېچ بىرى ،
كىتىپ قالدىڭ يىراققا چىدالمىدىم جان دادا .
............................................
دادا دىگەن مىھرىبان ئۆچمەس ئىكەن ئىزلىرى،
بىر ئۆيۈم دەپ ئىشلىدى كۆز يۇمماستىن تۈنلىرى.
پەرزەنىت ئۈچۈن يىراقتا ئاچ توق ئۆتتى كۈنلىرى
ئەجرىڭنى كۆپ سېغىنىپ چىدالمىدىم جان دادا.
.............................................
تەنتەكلىكتە ئات ئىتپ ئوينىغانتىم مەن سىنى،
تەربىيەلەر بىرەتتىڭ ياراملىق بول دەپ مىنى .
دەرىسلەردىن قاچاتتىم ئاڭلىماستىن گىپىڭنى،
تەربىيەڭگە مۇھتاج بۇپ چىدالمىدىم جان دادا.
.............................................
دادىسى بار كۆڭلى توق خۇشال ئۈتەر كۈنلىرى،
ھىكايىسىدىن زوقلۇنۇپ تاتلىق ئۇخلار تۈنلىرى.
دادىسىز زار يىغلايدۇ بۇنى بىلمەس ھېچ كىشى،
مىھرىڭنى كۆپ سېغىنىپ چىدالمىدىم جان دادا.
.............................................
كۆزلۈرۈمنى ياشلىدىم سېغىنىپ ئەشۇ مىھرىڭنى،
بولغان بولساڭ يېنىمدا قايتۇراتتىم ئەجرىڭنى.
باسماي قانداق ئەركەكمەن شۇ باھادىر ئىزىڭنى،
ئوتلۇرۇڭ ھەم بەك يامان چىدالمىدىم جان دادا.
............................................
سەن بارىڭدا كۆپ ئىدى ئۆيىمىزنىڭ شادلىقى،
سەنسىز قېلىپ يوق بولدى تائاملارنىڭ تاتلىقى.
ئاناممۇ كۆپ زەربە يەپ ياخشى ئەمەس ساقلىقى،
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى چىدالمىدىم جان دادا.
.............................................
دادا دىگەن ئۇلۇغكەن ئەمدى بىلسەم ئەقلىمنى،
چىدار ئىكەن ھەممىگە دۈشمەن چاچسا زەھرىنى.
مىللىتىمگە تەسسەددۇق ئىكەن ھەتتا بارلىقى،
ئەخلاقىمدا ئۈلگەمتىڭ چىدالمىدىم جان دادا.
.............................................
يۈرۈپتىمەن غەپلەتتە بىلمەي سىنىڭ قەدرىڭنى،
يېتىم قالدىم ھەسرەتتە كىمگە ئېيتاي ئەرزىمنى.
تارتساڭمۇ غەم كۈلپەتلە بىلدۈرمىدىڭ دەردىڭنى،
كىتىپ قېلىپ كەلمەسكە چىدالمىدىم جان دادا.
.............................................
ئاپتۇرى:ھەسەنجان ئۇچقۇن ......!!!!!
كوت-كوت ھەم ئۈندىدار:731725280...!!!
2016- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى .....!!!!
خوتەن......!!!!!!





81 قېتىم كۆرۈلدى hasanjanuqk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 13:49:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ