يىگىتتەك ياشا
رەھمىتۇللا تۇرسۇن«ئۆركىشى»
باش ئەگمىگىن جاپاغا چىدا،
يىگىت بولساڭ يىگىتتەك ياشا!
ھەۋەس بىلەن باقسۇن ئەل ساڭا،
يىگىت بولساڭ يىگىتتەك ياشا!
مىشچان بۇلۇپ ياش تۇكۇپ يۈرمە،
ئۆزگىلەرنى يىغلىتىپ كۈلمە.
يارى بارنىڭ كەينىدە يۈرمە،
يىگىت بولساڭ يىگىتتەك ياشا!
يىگىت سۇزى قەسەمگە ئۇخشاش،
يىگىت دىگەن تۇكۇپ يۇرمەس ياش.
جاپالارغا بىرىدۇ بەرداش،
يىگىت بولساڭ يىگىتتەك ياشا!
بولما ئەسلا ساختىپەز نامەرت،
يامانلىقنى قىلمىغىن ئادەت.
ھۇرۇنلاردىن ئەتىۋا ئەخلەت،
يىگىت بولساڭ يىگىتتەك ياشا!
قەلبىڭ دائىم ئنتىلسۇن ھەقكە،
چاۋاك چالما ھەرگىز ناھەقكە.
زۇلۇم قىلما بىگۇناھ خەقكە،
يىگىت بولساڭ يىگىتتەك ياشا!
قۇياش كەبى نۇر چاچ دوستۇڭغا،
رەھىم قىلما نامەرت زالىمغا.
كۇيۇمچان بول ئاتا-ئانىغا،
يىگىت بولساڭ يىگتتەك ياشا!
ئۈندىدار:13699976214
90 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-8 19:30:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|