ئېھ ، سۆيۈملۈك پارتىيەم مۇخەممەس

         ئ‍ېھ!سۆيۈملۈك پارتىيەم
(مۇخەممەس)
ئ‍ەركىن قېيۇم يالچىن 


يۆلەك بولغاچ پارتىيە، ئ‍اۋاتلاشتى يۇرت-ئ‍ايماق،
كىيىشىمىز تاۋار تون ،ئ‍ىچىشىمىز سۈت-قايماق.
دېھقانلىرىم غەم قىلماس، ھەممە ئ‍ۆيدە گاز ئ‍وچاق،
يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى، قوزا-ئ‍وغلاق تاي-توپاق.
بېيىش يولنى ئ‍ۆگەتكەن ئ‍ېھ!سۆيۈملۈك پارتىيەم،

بۇرۇن ئ‍ەسلى قونالغۇ، كونا كەپە كېسەك تام،
شامال ئ‍ۇچۇپ كىرەتتى، بولمىغاچقا ئ‍ەينەك رام.
ھەمرا ئ‍ىدى جىن چىراق ،بىزدىن يىراق توك ۋە شام،
ئ‍وتۇن كۆمۈر ئ‍ورنىدا ،تېزەك قالاپ تاماق خام.
يوقسىزلىقنى تۈگەتكەن ئ‍ېھ سۆيۈملۈك پارتىيەم،

ئ‍ازاد بولدۇق بۇ كۈندە ،تۈرلۈك ئ‍الۋان-سېلىقتىن،
ئ‍اقتى سۇلار شارقىراپ ، يېڭى قازغان ئ‍ېرىقتىن.
مول ھوسۇلنى دۆۋلىدۇق ، بۇغداي قوناق تېرىقتىن،
ساۋادىمىز بار تېخى تېرىق ،كومپىيوتېر يېزىقتىن.
پەن تېخنىكا كۆزلەتكەن ئ‍ېھ!سۆيۈملۈك پارتىيەم،

«تۆمۈر بۇقا»ئ‍ېتىزدا، ئ‍ارام تاپتى كالىلار،
پادا بېقىپ جاڭگالدا ،يۈرمەس ئ‍ەمدى بالىلار.
بەرپا بولدى يېزىدا ،يەسلى زاۋۇت ۋە كانلار،
ئ‍ورۇنلاشتى خىزمەتكە ،ئ‍ىشچان يىگىت ۋە قىزلار.
كەلگۈسىنى كۆرسەتكەن ئ‍ېھ!سۆيۈملۈك پارتىيەم!

بارچە مىللەت بىرلىكتە ،ھەقىقەتنى قوغدايمىز،
يۈكسىلىشنى نىشانلاپ، قالاقلىقنى قوغلايمىز.
جەڭگاھ ئ‍ارا ھۇررا دەپ ،بىر نىيەتتە توۋلايمىز،
ئ‍ۇلۇغ ۋەتەن قوينىنى ،گۈل-چېچەككە ئ‍ورايمىز.
چىن ھەقىقەت سۆزلەتكەن ئ‍ېھ!سۆيۈملۈك پارتىيەم،


ئاپتور باي ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىدىن


تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ

 ئۈندىدار :qq1165181317 

مۇھەرىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

  ئۈندىدار:2041420589    


     





133 قېتىم كۆرۈلدى ئەركىن قېيۇم يالچىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-8 4:14:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ