ئاخىرقى نەپەس - ھجرانە

ئاخىرقى نەپەس

 

 ئاپتورى: ھجرانە(شاھناز)

 

ئەتترگۈل رەڭگىدە ئاقتى ياشلىرىم ،

گۈلنىڭ بەرگىگە قونغان شەبنەمدەك.

 ئۈزىمەن ھەسرەتنىڭ چوڭقۇر يىرىدە،

 سۇسز چاڭقىغان نىمجان بىلقتەك.

 قورشغان ئەتراپنى قاپقارا تۇمان ،

 نەپەسنى بوغىدۇ زەھەرلىك پۇراق.

 تولغۇنۇپ تاشلىنار چارىسز جىسمىم،

 ئمكانسز تەقدىردىن قاچالماي يىراق.

 يىقنلا پۇرايدۇ ئۆلۈمنىڭ ھىدى ،

چارچىغان تىنمنى ئاستا قاماللاپ. 

 مەرھابا دۇنيانىڭ ئەركە مىھمنى،

 ئالغايسەن جىنمنى ئاستا ئاۋايلاپ.

 

 2016,6,18





206 قېتىم كۆرۈلدى زۇلمەت شاھى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-14 4:12:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-14 15:47:43 قەيسەر55
يۈرەككە بارغىدەك شىرلاكەن بۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ