قىزىم ساڭا قانمىدىم - ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى

قىزىم ساڭا قانمىدىم

 ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى (باشئەگىم) 


 ئۆمرۈم بۇيى ھالاللىق دەپ ياشاپ يۈرۈپ،
ئوماققىنە شۇ ئەركىلشىڭدىن يايراپ كۈلۈپ.
ھالا بۈگۈن سەن يوق باغرىم ئاھ ئۆرتۈنۈپ،
بارچىگە قاندىم ئەمما قىزىم ساڭا قانمىدىم.

دادا دىگەن شۇ لەۋلىرىڭدىن بال تاماتتى،
تەتە ماڭغان ئىزلىرىڭدىن گۈل ئۈننەتتى.
سېغىنىشتا كۆيگەن ئوتۈم شۇئان ئۈچەتتى،
بارچىگە قاندىم ئەمما قىزىم ساڭا قانمىدىم.

تاڭلىرىمدا شوخ سايرىغان  بۇلبۇلۇم ئىدىڭ،
باغلىرىمدا پەرۋىش قىلغان بىر گۈلۈم ئىدىڭ.
ياياق يۈرسەم مادار بېرەر دۇلدۇلۇم ئىدىڭ،
بارچىگە قاندىم ئەمما قىزىم ساڭا قانمىدىم.

كىم ئويلىسۇن تىرىك يىتىم بولدۇڭ بۈگۈن،
ئۇل بەختىمنى قەلبىمدىن قىلىپ سۈرگۈن.
قانداق چىداي قىزىم سىنى كۆرمەي بىر كۈن،
بارچىگە قاندىم ئەمما قىزىم ساڭا قانمىدىم.

2016-يىلى11-ئاينىڭ2-كۈنى(كورلا)
ئۈندىدا 573888975
     





169 قېتىم كۆرۈلدى xamxiri ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 12:23:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ