ئۈمۈدسىزلىك سېنى يېڭىۋالمىسۇن (نەسىر) - گۈلزىرە مەخمۇت

ئۈمۈدسىزلىك سېنى يېڭىۋالمىسۇن

نەسىر

گۈلزىرە مەخمۇت

      ھەممە ئىشنىڭ سەۋەپ نەتىجىسى بولىدۇ ، ئۈمۈدسىزلىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ نۇرغۇن ، بىراق بۈگۈن مەن ئۆتمۈشىمدىن ئاغرىندىم. توغرا ، ئۆتمۈشنىڭ قولىدىن ھېچنىمە كەلمەيدۇ . ھەرقانداق كىشى ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز . ئۆتمۈش-ساڭا ھېچنىمە ئاتا قىلالمايدۇ ، بۇنداق دېسەم ھەيران قالما . مەن شۇ سېنىڭ ئۈمۈدسىزلىككە تولغان قاراڭغۇ كۈنلىرىڭنى دېمەكچى. سەن ئاشۇ خىل قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولۇشتىن ساقلان . ئارقاڭغا قايرىلساڭ بولىدۇ . مۇھىمى، سېنىڭ نېمىلەرنى قولدىن بېرىپ ، نېمىلەرگە ئېرىشكىنىڭ . ئادەم بىر نەرسىگە ئېرىشىىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر خىل نەرسىگە ئېرىشىدۇ .سەن ئۈمۈدسىزلىكنى تاللىدىڭ ، قاراڭغۇلۇق ، ئاجىزلىق ، يالغۇزلۇق قاتارلىق پاسسىپ ئېنىرگىيىلەر ساڭا ھەمراھ بولىدۇ . ئەمما سەن ئۈمۈدنى تاللاپ باق ؟ ئۈمۈد ساڭا نېمىلەرنى ئاتا قىلىدىكىن ؟ ……

     بىر دوستۇم ماڭا ئۆزىنىڭ ياشىغۇسى كەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئانچە بەك ھەيران قالمىدىم . نېمىشقا ؟ ياشىغۇسى كەلمەي قېلىش-نورمال ئىش . بەزىدە تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، ناھايىتى ئىلاجىسىز قالىسەن ، تۇرمۇشتىن زېرىكىسەن ، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى يوقتەك ھېس قىلىسەن : مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن ؟ نېمە ئۈچۈن ؟……نۇرغۇنلىغان چىگىش سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپالماي قىينىلىسەن، ئۈمۈدسىزلىنىسەن، ئۆز-ئۆزۈڭنى ئەيىپلەيسەن ، ھەتتاكى دۇنيادا ئۆزۈڭنى ئارتۇقچە ھېس قىلىسەن، ياشاشتىن ۋاز كەچمەكچى بولىسەن. دۇنيادا ئۆزىنى ئارتۇقچە ھېس قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئۈمۈدسىزلىنىش بولمىسا كېرەك ! ھاياتىڭدا ئۆز-ئۆزۈڭنى ئىنكار قىلدىڭ ، سەن ئۈمۈدسىزلىكنىڭ پاتقاقلىرىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىۋاتىسەن دېگەنلىك. بۇ جەرياندا ئۆزۈڭنى شۇنچىلىك كېرەكسىز ھېس قىلىسەن، ئۆز-ئۆزۈڭدىن نەپرەتلىنىسەن، يېقىنلىرىڭغا يۈك بولۇپ قېلىشتن قورقىسەن. ھەممە نەرسە سەندىن يۈز ئۆرۈپ كېتىۋاتقاندەك، ھەممە ئادەم سەندىن بىزار بولۇۋاتقاندەك، ئۆزۈڭنى ھەممىدىن تارتىسەن . يالغۇزلۇق سېنى قىينايدۇ، پۈتكۈل دۇنيارىڭ ئۈمۈدسىزلىك بىلەن تولغان .نە چارە ، نە ياردەم يوق ! ھاياتىڭ قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن……

    بۇ خىل قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشتىڭ، تىرماشتىڭ . بىراق، سىرلىق ئوردىدىن چۆرگىلەپ چىقالمايۋاتقاندەك ھېچقانداق ئىلگىرلەش يوق . نېمىشقا ؟ سەن ھاياتقا بولغان ئۈمۈدۈڭنى ، قىزغىنلىقىڭنى يوقاتتىڭ ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئىنكار قىلدىڭ ، ئۆزۈڭنى خار قىلىشنى تاللىدىڭ ، ئۈمۈدسىزلىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىشنى خالىدىڭ ……دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇنيادا سەندىنمۇ بىچارە-ئاجىزلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ . گەرچە پۇت-قولى يوق ،كۆزى كۆرمەس مېيىپ كىشىلەرنىڭ سەندىن ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى سەن كۆرمەسكە سالدىڭ ، ھېس قىلالمىدىڭ……ساڭا ھېكايە سۆزلەپ بېرەي ، قالغىنىنى ئۆزۈڭ ھېس قىل . چۈنكى ، قانداق قىلىشنى بەلگىلەيدىغان ئادەم يەنىلا سەن . ئۆزۈڭدىن باشقا ئادەم ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ . شۇڭا ، بۇ ھېكايىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا :

    داڭلىق مۇزىكىشۇناش بېتخوۋىن ( 27 يېشىدىن باشلاپ قۇلاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ، 30 يېشىدا كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا باشلىغان .بىراق ئۇ تەقدىرىگە تەن بەرمەي ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ نۇرغۇنلىغان مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان . 45 يېشىدىن كېيىن ، ئۇنىڭ قۇلىقى پۈتۈنلەي ئاڭلىماس بولۇپ قالغان . لېكىن ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان داڭلىق مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ داڭلىق مۇزىكىشۇناسقا ئايلانغان . ئۇنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار :‹‹ ئازاپ كىشىنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ ، لېكىن ئازاپ تارتقان كىشىمۇ ئازاپنى تۈگەشتۈرەلەيدۇ . ئىجادچانلىق قىيىنچىلىققا موھتاج، قىيىنچىلىق-تەڭرىنىڭ بەرگەن سوۋغىسى . قالتىس كىشىلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار: پايدىسىز ۋە قىيىنچىلىق شارائىتقا باش ئەگمەيدۇ !››. دۆلىتىمىزدىكى كۆزى كۆرمەيدىغان ناخشىچى ياڭگۇاڭ(杨光)نىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار :‹‹كۆزۈم كۆرمەيدۇ ، بىراق مەن ناخشامنى كۆزى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارغا خۇشاللىق بېغىشلايمەن .مەن كۆرەلمەيمەن ، بىراق مەندە قۇياشتەك بىر قەلب بار ››.

   ئۇلارغا ئوخشاش مېيىپلار ئەتراپىمىزدا جىق، ئۇلارنىڭ نەتىجە قازىنىشى نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۈشكۈل .بىراق ئۇلار بەل قويىۋەتمەي ، ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ھايات يولىدا نەتىجە قازاندى . ئويلاپ باق دوستۇم ، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن ؟ نېمە قىلىۋاتىسەن ؟ سەندىكى غەيرەت-شىجائەت ، ئىرادە-ئىشەنچ دېگەنلەر نەگە كەتتى ؟ سەن ئۈمۈدسىزلىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن . ئۆزۈڭنى ئەڭ بىچارە دەپ ئويلايسەن ، ئەڭ بەختسىز دەپ قارايسەن . كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قارا ، سەن يەنە ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ياشىماقچىمۇ ؟ ياق ، بولدى بەس، يېتەرلىك بولدى ! سېنى ئەيىپلەۋېرىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ . توغرا ، ئۈمۈدسىزلەنمەيدىغان ئادەم يوق ، قاقشىمايدىغان ئادەم يوق ، بىراق مۇھىمى، ئاشۇ ئۈمۈدسىزلىكنى چۆرۈپ تاشلاپ ، يېڭى بىر يولنى ئېچىپ چىقىش . ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى ھېچكىم خالىمايدۇ ، بىراق ئەجىرسىز ھالاۋەتنىڭ بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئاشۇ قىيىنچىلىقلار ، سىناقلار ساڭا تۇرمۇش ئۆگىتىدۇ . يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ ئۈزۈپ چىقىسەن تۇرمۇش دېڭىزىدىن.

    بەزىبىر ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىڭ يەتمىگەن ئىكەن ، ئۇلارنى قوبۇل قىلغىن، مېھرىڭ بىلەن سۆيگىن ، شۈكۈرلەر ئىچىدە ياشا، سەۋرلەر بىلەن ئىلگىرلە ! ھاياتىڭ شۇ چاغدا مەنىدارلىققا چۆمىدۇ . ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قازانغان داڭلىق ئۇتۇقشۇناسلارنىڭ قاتارىغا كىرەلمىسەڭمۇ ، ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆزگەرتكۈچىسەن . ئېسىڭدە بولسۇن ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن بىر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ ، ساڭا چوقۇم يول چىقىدۇ . گوياكى تامچە سۇ تاشنى تېشەر دېگەندەك ، تىرىشىپ باق ، كۈچەپ باق ، ئىلگىرلەپ باق ، سىناپ باق . ئۆزۈڭنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەن ، باشقىلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن ! بىر ئىشنى پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن قىلىۋاتقان چېغىڭدا ، ۋاقىت شۇنداق تېز ئۆتىدۇ . سەن قانچە كىرىشىپ قىلغانسىرى ، ۋاقىت تېخىمۇ تېز ئۆتۈشكە باشلايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، سەنمۇ ئۆزگىرىپ ماڭىسەن ، ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ . سېنىڭ يەنە ئۈمۈدسىزلىنىدىغان ۋاقتىڭ بولمايدۇ . ھاياتنى قايتا تونۇيسەن ھەم ياخشى كۆرۈپ قالىسىەن، ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزۈشكە باھانە تاپالماي قالىسەن تېخى ! شۇنداق ، ئۆمۈر قىسقا، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۈمۈدسىزلىكنى يىراقلارغا پالىۋەت ، ئۇ ھاياتىڭغا كىشەن سالالمايدىغان ، سەندىن قۇرقىدىغان  بولۇپ قالسۇن ! ئۆزۈڭنى قايتا تونۇ ، ئۆزۈڭنى سۆي ، شۇندىلا ھاياتمۇ سېنى سۆيىدۇ ! ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن دوستۇم ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئورنۇڭدىن تۇرغىن ، مەن قىلالايمەن دەپ دادىللىق بىلەن قەدەملىرىڭنى ئالغىن ! ئۈمۈد ساڭا ھەمراھ بولغۇسى !

 

تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

2017-يىلى 9-ئاپرېل  كورلا


     





248 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 7:12:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ