مىھىر ئىزدەپ

*** مېھىر ئىزدەپ ***

 

ئەزىز

 

 نەزەر سالسام بۇ دۇنيانىڭ گۈلزارىغا،

 گۈزەللىكى يالغان ئىكەن بىلىپ يەتتىم.

سەرسانىمەن چىنلىق ئىزلەپ بۇ ئالەمدىن،

 ئىزلىگەنچە يالغانلارغا چۆكۈپ كەتتىم.

 

 ئالداپ كەپتۇ يۈرۈگۈمدىن سۆيگەنلىرىم،

 بىلگىنىمدە ئاچچىق-ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم.

كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى يۈتتۇم ئەمما،

 شۇ ياشلارنى يۈرۈگۈمگە تۆكۈپ كەتتىم.

 

 يالغۇز قويۇپ كەتتى ھەممە ئۆز يولىغا،

 مەن بىرەرى كېلەرمۇ دەپ كۈتۈپ كەتتىم.

 نەبىرەرى كەلمەك تۈگۈل ئىزلەشمۇ يوق،

 يالغۇزلۇقنىڭ ھېجرانىدا كۆيۈپ كەتتىم.

 

مەن مېھىرلەر بېرىپ كەلسەم بىرۋلارغا ،

مېھىرلىرىم ئارتۇقچىكەن بىلىپ يەتتىم.

 مۇھتاج بولۇپ ئۆزۈم شۇنداق مېھىرلەرگە،

 شۇ كۆزلەردىن مېھىر ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتىم.





155 قېتىم كۆرۈلدى aziz ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 0:39:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ