يۇرتتىن ئايرىلىپ - ئابدىراھمان ھېكىم

—يۇرتتىن ئايرىلىپ—

💔ئابدىراھمان ھېكىم💔 ئىشەنچ:كۇچا

ئۆز يۇرتۇمدىن ئايرىلغان چاغدا،
قېرىنداشنى   ئەسكە     ئالغاندا،
يىغلاپ كۆزۈمدىن ياش ئاققاندا،
يات   شەھەردە  يالغۇز قالغاندا،

ئۆزگە  يۇرتتا  تۇرماي نە ئامال،
قىش قىراۋدا ئۇرۇلۇپ   شامال،
مۇساپىر بۇپ تۇرىمەن   ھامان،
ئۆتسە كۈنلۈرۈم   تىنىچ   ئامان،

چىقىش   يۇلى  ئىزدەپ  تۇرىمەن،
باشقا     يەردە    تىنەپ  يۈرىمەن،
جاپا     تاتسام   راھەت    بىلىمەن،
مەزمۇت  قەدەم تاشلاپ  ماڭىمەن،

يۇرتقا كەلسەم  قاراپ   تويمايمەن،
توپىسىىنى   سۈرتۈپ    قانمايمەن،
شۇنچە ئىشلەپ ھەرگىز ھارمايمەن،
كىندىك قېنىم ئاققاچ   كەچمەيمەن،


2016.11.11 كۇچا

506838927
     





45 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 11:37:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ