يىگىتلەرگە ياراشمايدۇ ياش

يىگىتلەرگە ياراشمايدۇ ياش

 

شاھى مەردانى

 

‏ ‏قىزلارنى ناتىۋان دەپ باردۇر بىر قاراش،

‏شۇڭا ئۇلار يىغلىسا يۇچۈن ئاتالـماس .

 ئەمما لېكىن يىگىتنى باسسىمۇ ئاتەش ، ‏

يىگىتنىڭ كۆزىگە ياراشمايدۇ ياش. ‏

 

‏يىگىتكە باھارلار كۈز بولۇپ قالسا ،

يۈرىكى دەرت بىلەن مۇز بولۇپ قالسا .

ياكى ئەلەم ۋەزنىدە چوغ بولۇپ يانسا ،

 يىگىتنىڭ كۆزىگە ياراشمايدۇ ياش .

 

 ‏ ‏زۇلمەت بولۇپ كۈنلىرىڭ ئۈچۈپ تولۇن ئاي،

 ‏مال بىساتىڭ سورۇلۇپ بولساڭمۇ گاداي.

‏مېھىرلىككە مېھىر بەر چوڭچىغا غاداي،

‏يىگىتنىڭ كۆزىگە ياراشمايدۇ ياش.

 

‏ ‏ساڭا تۇتقان قىزىل گۈل توشۇپ كەتسىمۇ،

‏يىقىلغاندا شۇ گۈللەر توزۇپ كەتسىمۇ.

 ‏ساڭا ھەمراھ ئامەتلەر ئۇچۇپ كەتسىمۇ، ‏

يىگىتنىڭ كۆزىگە ياراشمايدۇ ياش.





80 قېتىم كۆرۈلدى esel0995 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-13 7:01:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ