يېقىنلىرىڭ قەدرى بىلىنەر شۇ چاغ
ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
ساكراتلاردا ئىڭىرغان چاغدا،
دىماقلىرىڭ بۇغۇلغان چاغدا،
ئۈلۈمنىڭ سىزىمى تۇغۇلغان چاغدا،
ئەجەل شارابى قەدەھكە لىق قۇيۇلغان چاغدا،
يېقىنلىرىڭ قەدىرى بىلىنەرشۇ چاغدا ئاستا.
تارتىشقىنىڭغا باقماي تەقدىرىڭ،
لەختە بۇلۇپ كەتكەندە باغرىڭ،
كۆز ياش قۇرۇپ تۈگەپ سەبىرىڭ،
يوقالغاندا بارچە كىبىرىڭ،
يېقىنلىرىڭ قەدرى بىلىنەرشۇچاغدائاستا.
كېپەنلىككە يۆگۈلۈپ تىنىڭ،
جىنازا سىرتىغا چىقماي شۇ ئۈنىڭ،
قارا يەردە بۇغۇلۇپ سىقىلىپ دىمىڭ،
قۇرۇپ قاخشال بولغاندا ئاجىز شۇ تىنىڭ،
يېقىنلىرىڭ قەدرى بىلىنەر شۇچاغدا ئاستا.
ئەزىزلىرىڭ يالغۇزغىنە تاشلاپ كەتكەندە،
كۆر ئاغزىنى تاشتىن توساپ ئەتكەندە،
قىلغانلىرىڭ كۆزئالدىڭدىن بىر بىر ئۆتكەندە،
قارا زولمەت يۈرەكىڭنى ئەزگەندە،
يېقىنلىرىڭ قەدرى بىلىنەر شۇچاغدا ئاستا.
مۇنكىرنىكىر سوئال سورىسا،
يۈزمىڭ ھاشارەت تەننى ئورىسا،
يەرلىك ئىككى ياندىن قورىسا،
زارلىغانغا ھىچ يول قويمىسا،
يېقىنلىرىڭ قەدرى بىلىنەر شۇچاغدائاستا.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى(كورلا)
ئۈندىدار 573888975
569 قېتىم كۆرۈلدى | xamxiri | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-10 0:31:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-12 10:47:34 | yusup |
yahxi yizliptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|