سۆزۈڭ چىن بوپ قاچان كىلسەن - ئېزىزجان تۇرسۇن(ئەلباش)

 سۆزۈڭ چىن بوپ قاچان كىلسەن
ئېزىزجان تۇرسۇن(ئەلباش)


كىلىمەن دەپ كەلمىدىڭ يارىم،
سۆزۈڭ چىن بوپ قاچان كىلسەن.
باھانەڭ كۆپ ھەر ئىشقا-ھەرخىل،
راس يالغىنىنى ئۆزۈڭ بىلسەن.

كۈندە قۇياش چىقامدۇ يارىم،
چىقسىمۇ گەر بىز بارمۇ يوق.
يەتمىسەك بىز بۈگۈن قەدىرىگە،
ئەتە بىزگە بارمۇ ياكى  يوق.

سىغىنغاندەك خەتلەر يازسەن،
كۆزۈشكىلى ئەسلا يولۇڭ يوق.
كۆزۈم ياشلاپ دەرىتكە سالسەن،
سۈرۈتكىلى ئەسلا قولۇڭ يوق.

تەشۋىشلەندىم دىلىم ئەنسىز،
سەندىن ئايرىلىپ قالار مەنمۇ دەپ.
ياشاش قىيىن ماڭا سەنسىز،
كۈنۈم ئۆتەر ھەردەم قايغۇ يەپ.

2016-11-12
ئېزىزجان تۇرسۇن(ئەلباش)
2323202986
     





75 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىزجان تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-14 10:44:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ