يېڭىلىققا تەشنا يۈرىكىم
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
يېڭىلىققا تەشنا يۈرىكىم،
تېپچەكلەيدۇ جۇش ئۇرۇپ تىنماي ،
كونىلىقنى يېڭىش تىلىگىم ،
بۇ دەم دەۋرىم يېڭىلىققا باي .
ئۆتكۈنچىدۇر ئىنسانغا دۇنيا ،
ئۆمۈر نىسبى ،نىسبىدۇر ھايات .
ھەقىقەت بۇ( ئەمەستۇر رىيا ) ،
نىسبى ھەتتا پۈتكۈل كائىنات .
ئۆتتى بىر -بىر ئورۇن ئالمىشىپ ،
ئەسىرلەرنى قوغلاپ ئەسىىرلەر .
قالدى ئەنە زەبۇنلۇق يېتىپ ،
بىر چاغ شۆھرەت تاپقان قەسىرلەر .
چۆل باغ بولۇپ چېكىنەر بەزەن ،
ئېتىز -قىرنى باسسا قۇم تۇپراق .
نەۋ باھاردا گۈل ياشنار تېمەن ،
كۈزدە تۆكسە زەپىران ياپراق .
ۋاقىت ئۆتەر ،ئۆمۈر ئۆتەر ھەم ،
تۇپراق ئارا كۆمۈلەر ئەجدات .
يىلتىز ئىزدەپ كۆكلەيدۇ ئادەم ،
يېڭىلىنار ئىز بېىسىپ ئەۋلات .
تۇغۇلۇشى ،ئۆلۈشى تەھقىق ،
بارچە شەيئى ئۆز گىرەر ھەردەم .
غەپلەت ئىچرە قالمىسۇن دەقىق ،
يېڭىلىققا كۆز ئاچقان ئالەم .
نىمە تاپتۇق كۈلپەتتىن بۆلەك ،
نادانلىقتا يېتىپ ئەسىرلەپ .
ئىلىم -پەننى قىلماستىن يۆلەك ،
"دەھرىيلىك "دەپ خاتا تەسۋىرلەپ .
قۇيرىغىنى باستى ئاخىر قۇم ،
ئەزۋەيلىگەن سوپى ،ئىشاننىڭ .
ئەيلىگەنلەر بار ئۈنى ئۇدۇم ،
رەقىبى بوپ ھەقنىڭ ،ۋىجداننىڭ .
ئەسەبىيلەر ئۆچكەن جىن چىراق ،
جاھالەتتىن زەررە نەپ تاپماس .
نادان دىللار ئىدراكتىن يىراق ،
روھىيەتنىڭ گۈلشىنى باقماس .
بۈگۈن بىزگە كېرەكمەس ئەسلا ،
خۇراپاتلىق -ئاڭسىز ئېتىقات .
يېڭىلىقنى قىلاي دىلگە جا ،
كونىلىققا يۈزلەنسۇن مامات .
يېڭىلىققا يۈرىگىم تەشنا ،
ئىنتىلىدۇ ئاڭا تىنىمسىز .
سەۋەبى شۇ :يۈكسىلەر دۇنيا ،
كونا تۈگەپ ،يېڭى بېسىپ ئىز !...
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
6936 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-10 0:10:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|