بولما ھەرگىز پاھىشە :گۈزەل بايدىن تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

         بولما ھەرگىز پاھىشە

ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخىرىسەن گۈزەل ئۇماق ئائىشە،
تۇيۇق يولدىن قايتقىن تىز بولما ھەرگىز پاھىشە.
شەرمى ھايا ئەخلاقتا بولغىن پاك بىر پەرىشتە،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

شەرمىي ھايا ئەلچىسى ئىدىڭغۇ بىر زاماندا،
ئون سەككىزگە كىرىپلا گەپ ياندۇردۇڭ ئاناڭغا،
قېچىپ چىقىپ ئۆيۈڭدىن يول ئالدىڭغۇ دىباغا.
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

ھاراملارغا تىگىشپ ئالتۇن كەبى تېنىڭنى ،
خاتا قەدەم ئېپ مېڭىپ بۇلغاپسەنغۇ قېنىڭنى.
ھالال ئىشلەپ تەر بىلەن تېپپ يىگىن  نېنىڭنى،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

شۇنچە قەدىر قىممەتسىز يوقاتتىڭغۇ ئىپپەتنى،
تۇيۇق يولغا كىرىپلا كۆردۈڭ ئەنە كۈلپەتنى.
نىسى ئەمەس نەق پۇلغا سېتىۋالدىڭ ھەسىرەتنى،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

قېچىپ چىقىپ ئۆيۈڭدىن قاپتۇ توۋا بويۇڭدا.
ئۆيدە بولساڭ قېرىنداش كۈلمەسمىتى تويۇڭدا.
بىلەلمىدۇق زادىلا نىمە باردۇر ئويۇڭدا،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

قاراپ قويسا بىر كىملەر بەللىرىڭنى تولغايسەن،
ھامان بىركۈن ئۆزۈڭنى ئەيدىز بىلەن بۇلغايسەن.
ئۇنداق قىلما ئەي قىزچاق زادى قانداق ئويلايسەن،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

جۆر بۇلۇپ سەن ئىشرەتكە يوقاتمىغىن ساقلىقنى،
شەرمى ھايا بار بولسۇن ھەم يوقاتما پاكلىقنى.
ئەزەلدىنلا بار بولغان قىزلاردىكى ئاقلىقنى.
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

ئۈمۈدى سەن مىللەتنىڭ ئەل ۋەتەننىڭ ئانىسى،
ئۈلگە بولما قىزىڭغا«چاقنى بۇزغان تانىسى».
سەن ئەزەلدىن مىللەتنىڭ پەخىرلىك بىر بالىسى.
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

بۇلغاپ ئۇيغۇر نامىنى زەھەر سېتىپ يۈرمىگىن،
ئۇپا ئەڭلىك بۇياقنى يۈز كۆزۈڭگە سۈرمىگىن.
نەسىھەت قىلىپ كەلگەنگە ھەرگىز قاپاق تۈرمىگىن.
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

نارسىدىنى ھەرگىزمۇ ئېلىپ قاچما ساتمىغىن،
ھارام بىلەن ھالالنى ئىلەشتۈرۈپ قاتمىغىن.
تۇتىۋالسا ساقچىلار تۈرمىلەردە ياتمىغىن،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

ئەمىلىيەتتە قىلغىنىڭ ئاز كىپ قېلىپ قىزىلىرىم،
تور بەتلەردە يۈرۈيسەن قالدۇرۇپ ھەر ئىزلىرىم.
كۆرگىنىمدە شۇلارنى قىزىرىپ كىتەر يۈزلىرىم.
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

ئۇماق كىچىك قىزلارنى تۇنۇشتۇرۇپ بايلارغا،
نەپ ئالىسەن ئارىدىن ئىرىشىپ سەن ۋايلارغا.
ئۈگەنمىگىن ئەي قىزچاق ئەمدى ئۇنداق جايلارغا،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

ئەي ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى بۇنداق ئىشنى قىلماڭلار،
شۇنداقلاردىن سىلەرمۇ قاتتىق ئىبرەت ئېلىڭلار.
قىز ئاياللار مىللەتنىڭ بىر ئانسى ئىدىڭلار،
يان ئارقاڭغا قىزلىرىم بولما ھەرگىز پاھىشە.

ئاپتۇرى تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»
         2016.9.14
     





70 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-23 14:00:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ