ئايرىلدىم سۆيگەن ياردىن - ئابدىراھمان ھېكىم

·—ئايرىلدىم سۆيگەن ياردىن—·

🎄 💔ئابدىراھمان ھېكىم💔 🎄  🌹 ئىشەنچ🌹 


سەھرالىق  مەن  دىگىنىم   راستى.
شەھەرلىك قىزلىقىڭ ساڭا ماستى،
نامرات تۇرسام،مىنى غەم باستى؟
ئايرىلدىم  مەن  سۆيگەن  ياردىن.

ئۆتتى   كۈنلەر  شۇنداق     ياشاپ.
ئارلىق يىراق بىر-بىرمىزنى  ئاسراپ،
ۋەدىمىز   گۈزەل    ئەتىگە    باشلاپ،
باشقا بىرى كۆڭۈل بەرسە رەت قىلىپ تاشلاپ.

ۋاقىت  ئۈتۈپ  بەش  يىلغا    ئۇلاشتى.
ياش    چوڭۇيۇپ    ھەممە   قاراشتى،
چوڭلار توينى  قىلىمىز دەپ ئالدىراشتى،
ئايرىلدىم    مەن   سۆيگەن    ياردىن.

دىدىڭ چاققان كەلگىن ئۆيگە سالامغا ،
باردىم مەنمۇ چىقىپ كۈتتۈڭ ئالدىمغا،
قاراپ  قالدىم  شۇئان  ئىسىل  داچىغا،
ئايرىلدىم    مەن    سۆيگەن    ياردىن،

كۈتتى  چوڭلار   قىزغىن   چاندۇرماي،
سالدى تويلۇق بىر  يۈرۈش قالدۇرماي،
چۈشۈمدىمۇ كۆرمەسمەن.ئاسماندىن ياغدۇرماي؟
ئايرىلدىم     مەن   سۆيگەن   ياردىن،

سەن شۇنچە دىسەڭ،شەرت شۇ دەپتۇ  يەنىلا،
ئازاپ ئىچىدە چىرايلىقچە ئايرىلدۇق شۇندىلا،
دۇئا قىلدىم بەختىڭگە مەڭگۈخاتىرجەم ئۆتسىەڭلا،
ئايرىلدىم    مەن   سۆيگەن    ياردىن،

ئۆتتى ياشلىقنىڭ پەسلى،باشلاندى ئازاپنىڭ دەۋرى،
تۈگۈدى   مەندىكى   ئاچچىقنى   باسقان   سەبىرى،
ئايرىلىشقا   سەۋەپ   بولدى   نامراتلىق    ئاندىن،
ئايرىلدىم   مەن   سۆيگەن    ياردىن،

2016-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كۇچا

506838927
     





70 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 18:07:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ