دادام قۇياش،ئاپام ئاي

         
دادام قۇياش،ئاپام ئاي

مېھىرنىسا قۇربان


 (قىزىم تىلىدا يېزىلغان)

دادام قۇياش،ئاپام ئاي،
مېھرى ئىسسىق،خۇشچىراي.
بايلىقىم ھەم يايلىقىم،
ئۇلارسىز مەن نە قىلاي؟

دادام قۇياش،ئاپام ئاي،
باغرى ئىللىق ئېسىل جاي.
ئەركىلەيمەن ئويناقشىپ،
قۇچاقىدا مەن بىر تاي.

دادام قۇياش،ئاپام ئاي.
ئۇلار بىلەن شاتلىناي.
ئاياغىغا باش قويۇپ،
سۆيۈپ سۆيۈپ ئايلىناي.

دادام قۇياش،ئاپام ئاي،
يۈرۈكۈمگە چىڭ تاڭاي.
چوڭ قىلغۇچە ماڭا ھەم،
جان كۆيدۈردى مىڭ تالاي.

دادام قۇياش،ئاپام ئاي،
ھالىدىن خەۋەر ئالاي.
قويۇپ تۇراي ئالدىغا،
ئۇسسىغاندا قىززىق چاي.

دادام قۇياش،ئاپام ئاي.
قوللىرىغا گۈل تۇتاي.
ئازبولسىمۇ قىپ خىزمەت
مەنمۇ كۆڭلىنى ئۇتاي.

2017-6-4 غۇلجا شەھىرى

تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت 

مۇھەررىرى:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى.
     





64 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-4 9:05:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ