ئەسلىمە - ​رەيھانگۈل راشدىن

ئەسلىمە

رەيھانگۈل راشدىن . قىرۇۋ

گۇۋاھچى ئورمانلار قاپتۇ مۇڭلىنىپ،
دەرەخلەر قىرۇۋلار قوينىغا چۆككەن.
سۇلارمۇ ئاقماپتۇ ھەتتا تۇلغونۇپ،
كۆرۇنمەس ئىزلارمۇ ھەممسى يۆتكەن.

باغرىدا ھىجراننىڭ تولغىنار ئارمان،
يېتەلمەي ۋەسلىگە چۈشكەچكە قىرۇۋ.
چۈشلەرگە ئايلانغاچ قەدىمى ئورمان،
ئەسلىملەر قوينىدا تۇرىدۇ بىراۋ.

ھەتتاكى يوق ئۇنىڭ سۈرەتلىرىمۇ،
چۆشلەرگە ئايلانغان ئۆتمۈشلەر ھامان.
بېرەلمەس تەسەللى قاراشلىرىمۇ،
دەرەخكە ئويولغان ۋەدىلەر قالغان.

فېۋرال ئايلىرى كەلگەندە ھەرچاغ،
ئەسلىمە قوينىدا ئۆزىمەن ھەر يان.
ئويغىتار دىلىمنى يۆرەكتكى داغ،
پورەكلەپ ئېچلماس باغدىكى رەيھان .

2016.11.28.دۇشەنبە

     





164 قېتىم كۆرۈلدى 26966145 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 13:18:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-1 14:57:31 ياسىنجان
دەرت كەلمىسۇن قەلىمىڭلارغا ھەر ئىككىلىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ