ئاھ، سىنتەبىر ئېلىپ كەتمە باھارىمنى
گۈلنىسا ئابلا دىلناۋا
يەتتە ئىقلىمدىن كەلتۈرۈلگەن سېھرلىك رەڭلىرىڭ بىلەن سېھرلىگەندەك سېھرىلىك،
مەغرىپتىن سىنى ئىزدەپ كەلگەن ،
خۇش ھىدىڭدىن مەسخۇش بولغان،
مەشرىق تامان ئىزلىرىڭنى ئىزدىگەن
ئاي يۈزلۈكلەرنىڭ جەننەت ماكانى
ئېھ،باھارىم
سىنى ئۈزتۈشقا
سىنى سىنتەبىر بىلەن قۇشۇپ (خەير)دىيشكە ،
ئاجىزلىق قىلماقتا
ئاجىز يۈرۈكۈم…
باھار كەتمىسە باھار كەلمەس دىيشتى،
سىنىڭ بىلەن تەڭ مېنىڭمۇ كېتىدىغانلىقىمنى بىلشمىدى.
كۆزۈمنىڭ ياشلىندىغانلىقىنى
قەلبىمنىڭ ئۆلدىغانلىقىنى
قارگۈلىدەك قىشتا ئىرىيدىغانلىقىمىنى
سەن كەلگۈچە قىشنى ئۈزۈتۇپ،
ئەگىز بۇلۇپ
دەريا تۇلۇپ
ئەسرلەرنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى سۆزلەشمىدى…
ئاھ،سىنتەبىر ئېلىپ كەتمە باھارىمنى،
زىمستانغا مەھكۈم قىلما ھاياتىمنى.
تىلەپ قالاي ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىد بىلەن،
قايتۇرۇپ بەر مەن سۆيگەن شۇ قاياشىمنى…
2016-9-17
41 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنىسا ئابلا دىلناۋا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-4 22:50:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|