مەكتىۋىم (نەسىر) - ئابدۇللا داۋۇت

مەكتىۋىم (نەسىر) 

 ئابدۇللا داۋۇت


  ئەي!سۆيۈملۈك ئانا مەكتىۋىم!سېنىڭ بۇ گۈلزارلىقىڭغا كەلگەندىن باشلاپ ئىلىمدەك كەۋسەر كەبى شەرپەتلىرىڭ بىلەن قاتتىق سۇسىزلانغىنىدىن زەئەپلەشكەن مەنىۋىيتىمنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىسەن .ئىلىم-پەن دۇنياسىغا باسقان دەسلەپكى قەدەملىرىمنى سېنىڭ بۇ گۈلزارلىقىڭ قوينىدا ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.
       ھەر قېتىم بۇ بوستانلىققا قەدەم ئالغىنىمدا خۇددى باش باھارنىڭ ئىزغىرىن شامماللىرى يۈزلىرىمنى ئاستاغىنە سۆيۈپ ئۆتكەندەك قەلبىمگە ئالەمچە ھۇزۇر بەخش ئەتسەڭ،بۇ گۈلزارلىق ھىدىنى خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى باش باھارنىڭ نەمخۇش ھىدىنى تويماي-تويماي پۇراپ بەھىرلەنگەندەك بەھىرلىنىمەن .!
        سېنىڭ باغرىڭدىكى مېھنىتكەشلەرنىڭ گۈل-گۈلىستانىدىن ئەزىز كۆڭۈللەرنىڭ،دىللارنى سۆيۈندۈرگۈچى بىباھا مېھىرلەرگە نائىل بولغىنىمدا ئۆزۈمنى ئەمدىلا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان نارسىدىنى مېھرىبان ئانىسى ئۆز باغرىدا ئەللەيلەۋاتقاندەك ھۇزۇرلىنىمەن.!
       ئەي!مېنىڭ ئانا مەكتىۋىم سېنىڭ بۇ گۈلزارلىقىڭدىكى ئەمدىلا بىخ سۈرۈۋاتقان غۇنچىلار ئەنە شۇ مېھنەتكەشلەرنىڭ ئىجتىھاتى ئاستىدا ئۆز مەنىۋىيەتىدە ئىلىمدىن ئىبارەت يىمىرىلمەس قوراللارنى بەرپا قىلىپ ،تۇرمۇش ئاتلىقرەھىمسىز جەڭگاھ ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان شىجائەتلىك نوتىلارنىڭ ،بوشاشماس ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى كۆرگىنىمدە قەلب خانەمنىڭ ئىپادىلىگۈسىز ھاياجانلارنى كۈتۈۋالىدىغانلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن.!
       بۇ نوتىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا يېقىملىق باھار پەلىدە جەنۇپتىن قايتىپ كەلگەن داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ  يېقىملىق سىمفونىيسىگە ئوخشىتىمەن ......…!!!!!!
      ئىش قىلىپ بۇ چىمەن باغدىكى ھەر بىر تال شەيئىي مېنىڭ بۇ قەلىب خانەمگە ئالەمچە ھۇزۇرلارنى ئالەمچە مېھىرلەرنى بەخش ئەتكۈچى  مېھرىبانلاردۇر.……!!!!
      مەن بولسام بۇ گۈلزارلىق ئىچىدە پۈتكۈل كائىناتنىڭ چەكسىز تىلسىماتلىرىنى قازغۇچىمەن……!!

ئاپتورى:ئابدۇللا داۋۇت
     





161 قېتىم كۆرۈلدى abdulla1140 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-11 19:27:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ