يىنىكلىدى دىھقاننىڭ ھەقسز ئەمگەك سېلقى (شېئىر) - ھېلىم سەلەي

يىنىكلدى دىھقاننىڭ ھەقسز ئەمگەك سېلقى

 ھېلىم سەلەي

 يىنىكلىدى دېھقاننىڭ ھەقسز ئەمگەك سېلقى،
  ئانا ۋەتەن قوينىنىڭ بولدۇق بىزلەر بېلقى.
  شادلانماقتا بۈگۈندە دەۋرىمىزنىڭ خەلقى ،
ئەزىز ئانا ۋەتىنىم بولدى ئەلنىڭ ئېرقى.

 يالغۇز جانغا ئالاتتۇق ئىتەكتەك چوڭ كەتمەننى،
 خوشلاشقان بىز ئەۋەلدە كىيمەسلىككە چەكمەننى.
 ئەمدى بۈگۈن كۆردۇق بىز ئارمانلارغا يەتكەننى،
  ئۇزاتمايدۇ خەلقىمىز ئەلنى تاشلاپ كەتكەننى.

 ئايرىلمايتى دىھقانلار كىچە -كۈندۈز كەتمەندىن،
 پەرقى يوقتى جاپادا پىراق ئوتى دەتمەندىن.
 قېتىپ كەتكەن قوللىرى تۇلا تۇتۇپ كەتمەننى،
قوللىمايدۇ خەلقىمىز ئەلگە ئەلەم ئەتكەننى.

 بىز بەخىتكە ئىرىشتۇق تاپالمايسز دەرتمەننى،
 ھەقسز ئەمگەك تۈگىدى ئىشلەتمەيمىز كەتمەننى.
 خالمايدۇ خەلقىمىز ئاق تاماكا چەككەننى،
 ھۆرمەتلەيمىز ھەممىمىز ئەلگە ۋەدە بەرگەننى.

 كۆككە يەتتى خەلىقنىڭ غەمگە پاتقان باشلىرى ،
  ئەمدى بۈگۈن ئاقمايدۇ ھەششەر ئۈچۈن ياشلىرى.
قىز-ئايالغا زىننەتكەن ئەگىم -ئەگىم قاشلىرى،
 گۆھەر بولدى ۋەتەننىڭ سايدا ياتقان تاشلىرى.

 چىن يۈرەكتىن پارتىيەگە رەھمەت ئېيتۇر دىھقانلار ،
 غەملەردىن خالاس قىلغان پارتىيەگە ھەشقاللا .
  شادلانماقتا بۈگۈندە ئۆز بەختىنى تاپقانلار،
 قەد كۈتۈردى بۈگۈندە تىجارىتى ئاققانلار.





68 قېتىم كۆرۈلدى rabiya ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-25 5:00:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ