بالىلىقىمدا (چاچما شېئىر)
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
بالىلىقمدا ،
تولىمۇ كەپسىز ئىدىم ،
ئاسمانغا تاش ئاتاتىم ،
دادام ياساپ بەرگەن رەگەتكە بىلەن .
يۇلتۇزلارنى ئېتىپ چۈشۈرمەك بولۇپ ،
دەرەخلەرگە يامىشاتىم .
مايمۇنلارنى دوراپ ،
شاختىن شاخقا ئاتلاپ .
قۇش چاڭگىسنى بۇزاتىم ،
كېچە ئاي تولغاندا ،
مەن كېچىگە غەرىق بولغاندا .
سىيىپ قوياتىم چۈشۈمگە ئاستا،
شۇ سەۋەپتىن ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيەتىم .
ئۆزمدىن پەخىرلىنىپ ،
ئانام مېنى تورۇستا ماڭىسەن دەيتى ،
كىيىملىرىم پاكىز تۇرمايتى .
لاي ئويناشقا ئامراق ئىدىم ،
لايدىن ئۆزۈمنى ياساپ ئوينايتىم ،
لاي رەڭگىگە سىڭىپ كەتكەن تېرەمگە قاراپ ،
بىر ئوخشاشلىقنى سېزەتىم .
ھازىرچۇ ؟
پەقەت ئەسلىمە بوپ قالدى ،
ئېغى ئوچۇق ئىشتان .
ۋە كىچىك چاغدىكى مەن ....
| 34 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-30 2:42:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|