چارچىدىم

 چارچىدىم

ئەگرى -توقاي ھايات يولى بەك ئۇزۇن،
داۋان ئېشىپ يۈرەلمەيلا  چارچىدىم.
تىك ياشاش ئاسان ئەمەس ھاياتتا،
نامەردلەر دەستىدىن بەكمۇ  چارچىدىم.

ياشاش مۈشكۈل سۈيقەست قىلدى  بەزىلەر،
نىيەتلىرى بۇرۇندىن قارا ئىكەن   چارچىدىم،
ئىشەنگەنلەر پىچاق ئۇردى   ئارقامدىن،
ئىشەنگەچكە يۈرۈپتىمەن ئىشىنىپلا چارچىدىم .

تۇرمۇش غېمى چىرمىۋالدى روھىمنى،
مەقسىدىمگە يىتەلمەيلا چارچىدىم.
تىكلەيمەنغۇ  ئاخىر بىر كۈن قەددىمنى،
جاپالارغا چىدايمەن دەپ  چارچىدىم .

2016-9-18
سۇھەيبى
     





37 قېتىم كۆرۈلدى سۇھەيبى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-25 9:37:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ