ياش ئاققۇزما ئاناڭ كۈزىدىن - ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
ياش ئاققۇزما ئاناڭ كۈزىدىن 

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش 

پەرىشتىدۇر جان ئاناڭ ،
جەننەت ئاياغ ئاستىدا .
شۇ مېھرىبان ئاناڭنىڭ،
كۆزلىرىنى ياشلىما.

بەختىڭ ئۈچۈن غەم يىگەچ،
ئاق سانجىلدى بېشىغا .
پۇتلىرىغا باش قويغىن،
كۆزلىرىنى ياشلىما .

ئاق سۈت بەرگەن پەپىلەپ،
جاپاسىنى ئۇنۇتما .
ئايەملەردە يوقلاپ تۇر،
كۆزلىرىنى ياشلىما .

سېنى باغدەك كۆكلەتكەن،
جان ئاناڭنى تاشلىما .
يۈدۈپ يۈرۈپ بېقىۋال،
كۆزلىرىنى ياشلىما .

2016-يىل 8-ئاي 1-كۈن (مارالبېشى)





70 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-12 13:55:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ