ئەلچىلەرنى كىرگۈزۈڭ كۈزدە
گۈلنىگار مەترۇزى
ئەلچىلەرنى كىرگۈزۈڭ كۈزدە ،
سۆيگىنىم دەپ ئەگىشەي سىزگە،
يۇشۇرمايلى ئەمدى ھېچكىمدىن ،
گۈلنى قويۇڭ بىرتال ئۈزۈكتە.

دادىڭىزنى باشلايلى ئۆيگە ،
ئانىڭىزنى باشلايمىز تۆرگە ،
ئەپ بېرىمەن بالامغا دېسۇن ،
خۇش بولىمەن ماڭساممۇ گۆرگە .

ئەلچىلەرنى كىرگۈزۈڭ كۈزدە ،
دادام بەردىم دېسۇن بىر سىزگە .
تويىمىزنى قىلايلى گۈلدەك ،
ھەممە بەخىت تىلىسۇن بىزگە !

ئۆتۈپ باقتۇق كۈندە ئايرىلىپ ،
گاھ يىغلىدۇق گاھىدا كۈلۈپ.
بولدى ئەمدى ئايرىلمايلى بىز ،
ياشايلى بىز كەتسەكمۇ ئۆلۈپ !
2016-04-14
| 342 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-4-15 18:17:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|