قالسۇن

قالسۇن


مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى


قالسۇن ئەمدى گۈل ياشلىغىم،
قران چاققا قەدەم باساي.
قالسۇن يىغلاپ قەلەم قاشلىغىم،
ئارقامغا مەن بەدەر قاچاي.

 

نەچچە يىللار كۈتۈپتىمەن زار-زاريىغلاپ،
قولنى چىشلەپ ئەمدى قالسۇن.
سۆيگۈدەپلا كۈتكەن يۈرەك،
ۋىساللارغا ئەمدى قانسۇن.

 

ئۈتۈلۈپمۇ قالار قەدرىم بىركۈن،
كۈتۈپ مىنى ئەمدى قالسۇن.
ئۇيقۇسزلا ئۈتۈپ ئۇنىڭ تۈنى،
يۈرەك تىغلاپ ئەمدى قالسۇن.

يوق ئىكەن شۇسۆيگۈدە مىھرى ۋاپا،
قانلار يىغلاپ ئەمدى قالسۇن.
بىر ئۆ مۈر مەن تارتتىم جاپا،
ياشى سىرىپ ئەمدى قالسۇن.

2015.8.20
گۈزەل سەھرا چىرىيە سەھەر





142 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-20 12:58:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ