توينامە
ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
كەلگىن يايرىم كۈرۈپ كەتكىن تويۇمنى،
مەن سېنىڭسىز يېڭى تۇتقان ئۆيۈمنى.
بۇ ئۆمرۈمدە باشقا يارىنى سۆيمەيتتىم،
ئەستە تۇتقىن مېنىڭ سۇنغان دىلىمنى.
پۇشايماننىڭ ئوتى كۆيدى يۈرەكتە،
كۆڭلۈم يوقتى يار سېنىڭدىن بۆلەككە،
ھېچ بىلمىدىم قايسى ئىشقارەنجىدىڭ،
يەتكۈزمىدىڭ قەلبىمدىكى تىلەككە.
كۆرۈشۇشكە ئەمدى سەۋەپ باھانە يوق،
بىر ئۆتۈشكە ئەمدى ھېچ بىر چارە يوق.
توي نامەمدۇر ياشلىرىمدا يېزىلغان،
سەن بىلەرسەن مەندەك دىلى پارە يوق.
كەلگىن يارىم توي كۈنۈمنى كۆرۈپ كەت،
توي چېيىمنىڭ شارابىنى تېتىپ كەت.
ئېلىپ كەلمە سوۋغا سالام تاما يوق،
توي كۈنۈمدە خوشال ئوينا كۈلۈپ كەت.
ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
53 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-18 15:18:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|