قۇياش يەر ۋە ئاي

         قۇياش يەر ۋە ئاي
ئىرشات مەمەت
يۈردۈممەن بۇ كىچە خىياللار ئارا
بىلمىدىم نە سەۋەپ بۇ قەلبىم يارا
تولۇنمۇ ئۆزىنى قاچۇردى مەندىن
نۇرىغا زار ئىدىم بىلمىدى ئەسلا

بۇلۇتلار زورلىدى ئاينى مۈكۈشكە
تەييار بوپ تۇرغانتى ھازىر كۆمۈشكە
تولۇنمۇ بوش كەلمەي تۇراتتى قارشى
چۈنكى ئۇ زار ئىدى يەرنى كۆرۈشكە

ئاي ئۆتتى،يىل ئۆتتى،ۋاقىتمۇ ئۆتتى
ئايمۇ ھەم ئۈنتىنسىز يەرنىلا كۈتتى
ئەمما يەر بىلسىمۇ ئاينىڭ كۆڭلىنى
ۋاپاسىز يەر يەنە قۇياشنى كۈتتى

ئاي ئۆتكەن يەرنى ئۈچۈن ئۇيقىسىز تۈندە
پەقەتلا يەر ئۈچۈن قىلاتتى بەزمە
شۇ قۇياش قىلسىمۇ ئالەمنى يورۇق
قۇياشنىڭ نۇرىنى كۆرەتتى ھەممە

خىيالدىن ئويغاندىم كەلدىم ئەسلىمگە
بىلدىم،ئاي نە ئۆزىن قاچۇردى مەندىن
ئاي ئەسلى سادىقلىق،چىن سۆيگۈ ئۈچۈن
ئەمما يەر قۇياش چۈن كەچكەنتى ئايدىن
     

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589






108 قېتىم كۆرۈلدى 0407520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-25 1:44:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ