ئەردەك ياشايمەن - ئېلى جان ئابدۇكىرەم

         ئەردەك ياشايمەن

مەن شۇنداق ياشايمەن بىلەمسەن دوستۇم،
جاپادا قالساممۇ شىردەك ياشايمەن .
نامەرتكە  دوس بۇلۇپ سۇلھى سۆزلىمەي ،
مەرت لىكتە  ئۇزەمنى بىردەپ سانايمەن.

مىنى قىل بىلگەننى پىلدەپ بىلەرمەن،
مىنى خار كۆرگەننى خاردەپ بىلەرمەن.
مىنى چىن سۆيگەننى ياردەپ بىلەرمەن،
دوسلارغا پۇراقلىق گۈلدەك ياشايمەن.

ئارزۇيۇم كۇكدە قاناتلار قېقىپ،
تۇپرىقى مۇنبەت يەردەك ياشايمەن.
ئۇنتۇپ قالمايمەن ئەسلىمنى ھەرگىز ،
ۋىزدانىم بىلەن ئەردەك ياشايمەن.

ئېلى جان ئابدۇكىرەم

ناخشا تىكىستى  ئىشلەتكۇچلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئۈندىدار
2318334127
     





28 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-28 0:05:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ