لەپ لەپ قارمۇ سۆيگۈ پۇراركەن - خەلچەم خېلىل

  لەپ لەپ قارمۇ سۆيگۈ پۇراركەن  

خەلچەم خېلىل 

 نۇيابىردا تۇنجى ياققان قار،
ئوخشاپ كەتتى ئ‍اق كۈڭۈل يارغا.
بىر دانىتىم مىڭ دانە بولدۇم،
سېغىنىشلىرىم ئ‍ېسىلدى دارغا.

چىچەكلىگەن كۈڭۈل يارامنى ،
ئ‍اق تۇرنا كىپ چۇقۇپ قاناتتى.
ئ‍ەتىيازدا خەۋەر بەرگەن يار،
قىش كىرگىچە مىنى قاراتتى.

تەرىپلىشەر شائىرلار ئ‍ەسلى،
گۈل باھارنى سۆيگۈ رەڭگى دەپ.
لەپ لەپ قارمۇ سۆيگۈ پۇراركەن،
ئ‍ىرىپ كەتتىم يۇلۇڭدا ئ‍ەجەپ.

2016.11.22
     





47 قېتىم كۆرۈلدى خەلچەم خېلىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-23 1:55:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ