ھەقىقەت
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
چىك چىك چىك چىك چىك چىك،
ۋاقىت ئوغۇرلاۋاتىمەن.
مىنۇت، سىكونىت ساناپ ئولتۇرۇپ،
ئۆزۈمنى ئۈلۈمگە توغۇرلاۋاتىمەن.

گۈرجەك قولدا ،
يۈكۈنۈپ تۇرۇپ،
ئۆز گۆرۈمنى كولاۋاتىمەن.
چاق بېكىتكەن،
ئايىغى ئىتتىك
جىنازامنى ھەيدەۋاتىمەن.

تويغا ماڭغاندەك يۇيۇپ-تارىنىپ،
نامىزىمغا كىتىۋاتىمەن.
60ياشقىچە ئۆمۈر بەرسە دەپ،
ئۆز-ئۆزەمنى بەزلەۋاتىمەن.

ئۆلۈم دىگەن ۋاقىت مەسلىسى،
ئەزرائىلنىڭ تەگسە چولىسى.
ۋاقىت مىنى ئوغۇرلاۋاتىدۇ،
چىك چىك چىك چىك چىك چىك ...
2015-يىل 12-نويابىر . ئاقسۇ
| 219 قېتىم كۆرۈلدى | ئېزىز تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-28 13:50:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|