يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كىچىسى
ئەزىز ئەركىن(ئېقىن)
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كىچىسى،
سىنى ئەسكە ئالدىم ئەي دىلبەر.
گۇزەل ھۆسنىڭ ئاينىڭ سىماسى،
خۇش كۈلكەڭدىن پۇرايدۇ ئەمبەر .
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كىچىسى،
چۇشلىرىمگە كىردىڭ قەلەمقاش.
سايراپ تۇرار بۇلبۇل ئاۋازىڭ،
بىراق كۆزۇڭ تۆكەركەن قان ياش.
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كىچىسى،
باسسام ئىدىم سىنى باغرىمغا.
ياشلىرىڭنى سۈرتۇپ پەپىلەپ،
سۆيسەم دەيمەن ئوتلۇق لىۋىڭغا.
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كىچىسى،
ھىس قىلمىدىم سىنى ناتونۇش.
چۇشۇممىكىن دىسەم ئەسلىدە،
ئوڭۇمدىمۇ يوقكەن قورۇنۇش.
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كىچىسى،
ئۇچىراشتۇق بىز ئوتلۇق پەيىتتە.
ھىجران بولماس ئۇنتۇساڭ بەلكىم،
دىللار خۇشال كۇلگەن قەلىپتە .
پوسكام 2016-1-1
97 قېتىم كۆرۈلدى | ئەزىز ئەركىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-14 11:32:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|