ھەق دىدى ناھەققە
ھەق دىدى ناھەققە
 
(ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
ھەق دىدى ناھەققە دالالەت قىلىپ:
ــ قىلما يەنە دىلنى جاراھەت قىلىپ.

تۇنىماس ھېچقاچان ھەق سېنى شۇنداق،
بولساڭمۇ شۇنداق ھالىڭنى چوڭ قىلىپ.

يامان ئىشىڭ پىنھاندا بىلمەس دىمە،
يۈرسەن تەخە ياخشىغا ئازار قىلىپ.

تاپقىنىڭ شۇ پۈچەك پۇلغۇ كۆرەڭلەپ،
ھەق -ناھەقنى بىلمايسەنۇ ھېجىيىپ.

ئاچ كۆزلىكىڭ توستى كۆزىڭنى،ھەقنى،
مىننەت قىلىپ سەتەڭلەردەك گېدىيىپ.

ئوغا يارىمايسەن تەخە غوۋغا قىلىپ،
نادانلىقتىن ئۆزەڭگە نوخسان قىلىپ.

ئۆلسەڭ لەزىتى يوق ئۇنداق ھاياتنىڭ،
دۇنيالىقىڭنىڭ مەناسى يوقتۇر كۆپ.

توغرۇلۇقنى ئىزدىگىن ھاياتىدا،
ئىنسانلىق سۈپەتنى ساقلىغىن كۆپ.

ھىممەت بىلەن ياشىغىن دانالىق شۇ ،
مەنىۋىيەتنى كۆزلىگىن بايلىقىڭ كۆپ.

شۇندا يېتەرسەن ھەقىقەتكە بىلسەڭ،
ئىنايەت ياغار شۇنىڭدا ساڭا  كۆپ. 
 
ـــ شىپائى 2016-يىلى 27-يانۋار
 




295 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-27 13:34:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ