قىلمىغىن
  قىلمىغىن
 
ھەقنى ناھەققە مۇھتاج قىلمىغىن،
ناھەقنى ھەققە دۈشمەن قىلمىغىن.
نامراتنى بايغا قەرىزدار قىلمىغىن،
سەۋرە-تاقەتنى ھەم بىزدىن ئۈزمىگىن.

ھاكىمغا پۇخرانى مۇھتاج قىلمىغىن،
دېھقانغا يەرنى ھەم مۇھتاج قىلمىغىن.
زالىمغا ھېكمەتنى بەرپا قىلمىغىن،
ھېكمەتنى زالالەتكە ھەم بەرمىگىن. 

ھاياتتا زۇلمەتنى بەرپا قىلمىغىن،
ھەقتىن ئىنساننى يېراق قىلمىغىن.
ئادالەتنى سۆيگىدىن يىراق قىلمىغىن،
ئىنسان بەختىنى ھەم بىزدىن ئۈزمىگىن.

ھەقىقەتتىن ئايرىلغاندا ئىنسانلەر،
ناماكان،نامەرتلەردىن قىلمىغىن.
ئىخپالىمىز ھەم سۇنغاندا بىزلەر،
ھەقسىز ئىنسانلاردىن شۇڭا قىلمىغىن.

 توغرىنى ھەم بىزدىن يېراق قىلمىغىن،
ئادالەتتە-مىھنەتتە زالىم قىلمىغىن.
ھەقىقەت مىزانىنى ئۆلچەم قىلىپ ،
ياشاشنى بىزلەردىن يېراق قىلمىغىن.

ئىلىم-ھېكمەت كىتاۋىدىن ھەم بىزنى،
يېراق چۆللەردە ھەم سەرسان قىلمىغىن.
نادانلىقلار يېتەر بىزدە ئەمدى بەس!
نادان زالىملارغا يېقىن قىلمىغىن.
 
2015-يىلى 5-ئۆكتەبىر
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم 





215 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 16:40:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ