دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول - ئابدىراھمان ھېكىم

دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول

💔ئابدىراھمان ھېكىم💔 ئىشەنچ:كۇچا
+
تەغدىر بىلەن ئۇچراشقان ئىدۇق،
نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق.
ئاكا ئۇكا قېرىنداش بولدۇق،
ھايات يۇلىغا قەدەم قويدۇق.
+
كۈندە سالام يوللۇشۇپ قانماي،
تىلەكلەر  تىلەپ ئىسىل يول-يول.
بىر بىرىمىزدىن شۇنداق چانماي،
ئۆتكەن بىز ئىدۇق، ھاياتىم  بول.
+
ئاۋازىڭنى ئاڭلىمغان كۈندە،
ياڭراق ئاۋاز قۇلاق تۈۋۈمدە.
شۇ ئۈزۈلگەن تىلفۇن ئاۋازى؟…
چۈشتۈن چۈچۈپ ئويغاتتى تۈندە.
+
سۈكۈت بىلەن ساقلاتتى بىر يىل،
جاۋاپ كەلمەي يەنىلا سەندىن.
ئەنسىرتىپ خالاس قىلماي غەمدىن،
دوستۇم سەنمۇ بۇنى ياخشى بىل.
+
خەۋەر بەردىڭ ھاياتلىق بەردىڭ،
مۇسىبەت دەپ قايغۇنى دىدىڭ.
يىقىلدىم سەنمۇ ئازاپتا  قالدىڭ،
يۈرۈكۈمگە جەنجەرنى سالدىڭ.

+
كۈتتۈم سىنى كۈتىمەن يەنە،
ۋاز كەچمەيمەن ئىزدەيمەن سىنى.
قانچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ ئەتە،
سەن تاش بولما تاشلىما مىنى.
+
سەنلا ماڭا باش پاناھ ئىدىڭ،
ھەر تىنىقنى سەنلا بىلەتتىڭ.
دوست بۇلۇشقا تەييار دىدىڭ،
مىنىڭ قەدرىمگە سەن يىتەتتىڭ.
+
تارتتىڭ جاپا مۇشەققەت مانا،
تۇيۇپ تۇرار يۈركۈم ئەنە.
بىلىپ تۇردۇم دىلىمدا  يانا،
ئەنسىرەيمەن دائىملا يەنە.
+
بولدى قىلىپ يەنە  مىنى بىل،
ئىككىلەنمە يەنە دەرھال بول.
قارار قىلغىن تىزراق خەۋەر قىل،
قەيسەر بۇلۇپ ئۈمۈتكە تول.
+
مەيلى قانداق كۈنلەردە قالغىن،
ھەسرەتلەردە ئازاپتا ياتقىن.
يەنە قانداق دەتلەرنى سالغىن،
سەنمۇ مىنى قاتارغا قاتقىن.
+
ئۆتەيلى بىز ئىككىمىز شۇنداق،
ياتلاشمىسۇن قەلبىمىز ئۇنداق.
تۇتاش بۇلۇپ دىلىمىز بۇنداق،
دوستلۇققا دەز كەتمىسۇن قانداق.
+
خىجىل قىلماي ياتلار  ئالدىدا،
ئىناق ئۆتەيلى دۈشمەن قۇلىدا.
جەم بۇلايلى پىنھان دالدىدا،
ئاچچىق يۈتمەي گەپ تۇشۇپ چويلىدا.
+
ۋەدە بىرەي گىپىمدە تۇراي،
چىڭ قۇچاقلاپ باغرىمغا باساي.
نىمىلا دىسەڭ ماقۇل بۇلاي،
سۈكۈت ئىچىدە كۆزدە قاراي.
+
خەۋەر قىلغىن ساڭا قارايمەن،
مارال بۇلۇپ تىزلا بارايمەن.
ساڭا دوس بۇلۇشقا يارايمەن،
ھەتتاكى ئۈلۈشكە تەييارمەن.
+
ماڭا قاراپ كۈلگىنە جېنىم،
سەنسىز ياشىماسمەن دىگىنىم.
دەريا بۇلۇپ ئاقىدۇ قېنىم،
ئىسىڭدىمۇ غېمىڭ يىگىنىم.
+
يىزىلغىنى خەت بولسا  ساڭا،
تۈگمەي تۇرۇپ ياشلار تامچىدى.
ھەر دانىسى قان بىلەن يازا،
تىگەر ماڭا ئازاپ قامچىسى.

يازسام يازسام تۈگۈمەس يانا،
يازالمايمەن يالغاننى ساڭا.
قەلبىمدىكى سېغنىش مانا،
قاراپمۇ قويغىن دوستۇم ماڭا.
+
كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى،
ئالدىمدا تۇمان پەيدا بولدى.
دوستۇم  نىداسى ئايان  بولدى،
شۇئان  قەلبىم ھەسرەتكە تولدى.
+
بىرلا  كۈرۋالاي  دىدارىڭنى،
ۋەدە بەردىڭ لەۋزىدە تۇرغىن.
ھايات چېغىمدا ئەسلەپ سىنى،
دوسلۇقنىڭ ھىدىنى سەزگىن.
+
دوستلۇق كۈندە كۈرۈشلا ئەمەس،
ھەقىقى دىلدا  بۇلۇش  كېرەك.
ھەر ۋاقىت دۇئالەر قىلىشتۇر،
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول.


2016-يىل11-ئاينىڭ17-كۈنى كۇچا

506838927
     





182 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-23 8:19:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ