بىغۇبارىڭمەن

بىغۇبارىڭمەن

 

ئ‍اتاۋۇللا جامال (تەۋپىق قاراقاش)

 

سىنى دەپ ھەسرەتلەر چەككەن،

قەلبىڭدە بىغۇبارىڭمەن ،

پەقەتلا ئ‍ايرىلماي كەلگەن

 بوينۇڭدا تىل تۇمارىڭمەن ·

 

 ئ‍ىشقىڭدا بۇلبۇلدەك كۈيلەپ،

دەم تۇتقان كەپتەردەك ئ‍ۈنلەپ،

 مۇشەققەت رەنجىڭنى يىڭىپ،

كۆكتە چىققان قۇياشىڭمەن·

 

ساداقەت بابىدا ھەردەم،

كۆككە يەتمەكنى مەقسەت قىپ،

 قارىماي ھېچبىر رەناغا ،

سىنى كۈتكەن ھاياتىڭمەن·

 

 ھايات مەيدانلىرىدا ھەم،

 ساڭا ئ‍ۇچراشسا كۆپ سۇئال،

 تېڭىرقاپ قالما ئ‍ەي نىگار،

 ساڭا ھەردەم جاۋابىڭمەن·

 

ساڭا مەندىكى سۆيگۈ،

يالقۇنلار ئ‍ۆچمەيىن ھەردەم،

 كىشىگە ھىچ مۇبتىلا قىلماس،

دىليارە غەم گۈزارىڭمەن·

 

ساڭا ئ‍ېيتايىن ئ‍ەي نىگار،

سۆيگۈنى ھەممىسى دەر پىنھان ،

 ئ‍ەنە شۇ سۆيگۈڭگە تەشنا،

قەلبى پاك بىغۇبارىڭمەن·

 

 2016-1-ئ‍اي





83 قېتىم كۆرۈلدى tawpikiy ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-4 1:51:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ