دوستلۇق شۇنداق بولامدۇ
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
بال ھەرىدەك غۇژژىدە ، چېچەكلەرگە قونامدۇ ،
يېغىپ شېرنە شېكەرلەر ، شۇئان غايىپ بولامدۇ ،
قەھىرتانلىق سوغۇقتا ، خانەملىرىم ياد ئېتىپ ،
باھار چېغى بولغاندا ، شۇئان يۈتۈپ قاچامدۇ .
گۈل تېرىسام زوقلۇنۇپ ، پەرۋېش قىلىش بىلمەيدۇ ،
چېچەك ئاچسا گۈللىرىم ، قىسىپ باقاي گۈل دەيدۇ ،
قۇدۇق قازسام پەرۋاسىز ، كۆزى كوردەك ئولتۇرار ،
ئۇسسىغاندا ھالسىراپ ، سۈيۈڭ بولسا بەر دەيدۇ .
دەرت كەلسە يېغسىراپ ، دورا دەرمەك بەر دەيدۇ ،
ئۆتۈپ كەتسە ئازاپلار ، مەندەك نوچى يوق دەيدۇ ،
ئاغرىپ قالسا ناۋادا ، پۇلۇڭ بولسا بەرگىن دەپ ،
ساقايسىلا يۈز ئۆرۈپ ، ئاكاڭ قارغاي خو دەيدۇ .
ياڭاق چاققان كۈنلىرىم ، تېتىپ باقاي مەن دەيدۇ ،
نان چاينىسام ناۋادا ، يۈتەلمەستىن ئۆل دەيدۇ ،
بازارلاردا ئۇچراشسام ، مېھمان قىلغىن دوستۇم دەپ ،
قورساق راسا تويغاندا ، ھەي قەلەندەر كەت دەيدۇ .
تالاپەتلەر كەلگەندە ، ياردەم قىلغىن دەن دەيدۇ ،
ھالاۋەتنى كۆرگەندە ، دوستۇڭ ئەمەس مەن دەيدۇ ،
بىلدىڭلارمۇ خالايىق ، مېنىڭ دوستۇم ئاشۇنداق ،
بىلەلمىدىم زادىلا ، دوستلۇق شۇنداق بولامدۇ ؟
نۇمۇس يوقمۇ ئاداشلار ، مېھىرلەرنى بەرمەمسەن ،
ئىللىقلىقنى ئويلىماي ، دائىم قەستلەپ يۈرەمسەن ،
گۈزەل ۋەتەن قوينىدا ، ۋاپادارلىق قىلىشىپ ،
دوستلار بىلەن كۈلۈشۈپ ، خۇشال ياشاش بىلمەمسەن .
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
| 46 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-2 22:34:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|