بىلەن - غەزەل - شاھتۈرك

بىلەن - غەزەل

 

ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك

 

بىرقەدەھ سۇنغىن شارابتىن مەس بۇلاي ھەسرەت بىلەن،

 

ئاھ يۈرەك قانسۇن، چىلاشسۇن كەتمىسۇن مىڭ دەرت بىلەن.

 

 تەقدىرىمدىن كۈتمىگەن ھەردەم ئازابتىن كەلمىشىم،

 كەلگۈسۈم پارلار دېسەم ھەم يازمىغىن مىڭ خەت بىلەن.

 

 يوللىرىم مىڭبىر مۇشەققەت ئىزلىرىمدىن قان ئاقار،

ماڭىمەن دەسسەپ تىكەن تەس جۈپ قەدەملار چەت بىلەن.

 

 كەتمىنىم ئۆتمەس ئېڭىزدىن چاپقىنىمدىن بەك كۈچەپ،

ھارغىنىم راستۇر بىراق ئۆتمۈش مېسال سۈرئەت بىلەن.

 

كۈتكىنىم كەلمەس ئەجەپ ھەي تاڭنى كۆرمەي ئۆتتى كۈن،

 يوقلىدىڭ زۇلمەت كېچەڭدە قالدى ئارمان رەت بىلەن.

 

 مەنزىلىم ھەردەم جاپالىق بىر قەدەمدە ئون تۇساق،

دەريا تاغلاردىن ئۆتۈپ شاش ئاتلىنىاي جۈرئەت بىلەن.

 

 ئەي ئەمەرجان، بەلنى باغلاپ قايتا ئاتلان روھلىنىپ،

غەلبە قىل جۇشقۇن بولۇپ، ئالغا باس غەيرەت بىلەن.

 

 2016/2/24كېچە يۇرتى قاراقاش





181 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-28 0:03:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-22 22:12:57 ئابدۇمالىك
بەك ياخشى مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن ! بوندىن كىيىن ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ