قاردىكى ئەسلىمە

قاردىكى ئەسلىمە

 

چىمەنگۈل

 

باقتىم سىرىتقا خىيالغا پىتىپ،

 قارلار چۈشتى ئۇسۇل -ساماغا،

 تۇرار سىرىتتا ئۈنسىز بىر يۈرەك،

 شىۋىرلىغىنچە بىقىپ ساماغا،

 

 سورىدىم مەن ئۇشبۇ يۈرەكتىن،

 ”تۇرسەن نىچۈن بۇنچە ھالسىراپ؟

 قەددىڭنى رۇسلا بولما پەرىشان،

 يۈرمە ئەمدى كۆزۈڭنى ياشلاپ“

 

 بەردى جاۋاپ ئۇ ئىغىر بىر تىنىپ،

”تۇرارمەن بۇ يەردەساقلاپ گۈلۈمنى،

 سۆيمەن ئۇنى ئەبەدىل ئەبەد ،

 ئاتايمەن ھەتتا پۈتۈن ئۆمرۈمنى.

 

 يۈرەر ئىدۇق بىز تۇنجى قارلاردا،

 قول تۇتۇشۇپ قارلىق كوچىلاردا،

 خىيال قىلىپ شىرىن كۈنلەرنى ،

 ئوينىشاتتۇق ئاپپاق دالىلاردا.

 

 بىلدىم شۇندا يۈرەك تەشناسىنى ،

 ئىزلەر ئىكەن سۆيگەن گۈلىنى،

 بىر ئۆمۈرگە يۈرسىمۇتەنھا

سۆيەلمەسكەن ئەسلا ئۆزگىنى.





130 قېتىم كۆرۈلدى چىمەنگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-19 4:29:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ