دوستۇمغا
تاشتۇغ
ھەممىگە گۈل چىچەك سۇنغان بۇ ھايات ،
ساڭىمۇ قزىلگۈل تۇتقاندۇ بەلكىم .
بىلگەندە نىمىنىڭ گۈل ياكى تىكەن ،
ئۇ سەندىن يىراقلاپ كەتكەندۇ بەلكىم .
تۇنۇغان چېغىمدا بىر بەڭباش ئىدىڭ ،
قەپەستە قانىتىڭ مەھكەم بۇغۇلغان .
دىگەنتىڭ (كىچىكتىم ئەينى ۋاقىتتا ،
ئەمما مەن تاللاشنى ئۈزۈم تاللىغان ) .
شۇخلۇقۇڭ تۈگىمەس بىر خۇلۇق ئىدى ،
خۇش چاقچاق سۆلەتلىك يىگىت بولغانتىڭ .
تىرىشىش ،سەبىرنى ئۈلگە كۆرسىتىپ
قەدىرلەپ دوسلۇقنى ماڭا ئۈگەتتىڭ .
خاتالىق ئىزىڭدىن ئېسىلىپ ماڭسا ،
تىرىشىپ ھارمايتىڭ ئۇنى تۈزىتىپ .
نەسىھەت قىلاتتىم ئۈزۈمچە ساڭا ،
ئاقساقال بولغاچقا يولنى كۆرسىتىپ .
ۋادەرىخ قىسمىتىڭ ئەلەملىك بولدى ،
شامالغا سۇقۇلدۇڭ بوراندا ئۇچتۇڭ .
بى ئىلاج قالدىممەن كۆڭلۈممۇ ئەنسىز ،
ھەتتاكى ھالىڭدىن بىي خەۋەر قويدۇڭ .
ئانىنىڭ مىھرىگە قېنىپ باقمىدىڭ ،
داداڭنىڭ سىماسى ئىسىڭدىمۇ يوق .
خورلاندى تەنلىرىڭ يۈرىكىڭ يارا ،
ئالمىدىڭ بۇ ھايات يۇلىدا ھاردۇق .
چىۋەرلىك سىنىڭدە بىر سۈپەت ئىدى ،
مەن تېخى سنىڭدىن تەلىم ئالمىغان .
شاتلىقنىڭ يۇلىدا بىر تايچاق ئىدىڭ ،
ئۆز ئەركىڭ بىلەن شوخ چېپىپ باقمىغان .
كۈزۈمنىڭ چانىقىدا قاتتى ھەسرەت ياش ،
ئېقىشقا تەييار ئۇ تۇرار لىغىرلاپ .
قۇلۇڭنى بىر سىقسام باغرىمغا باسسام ،
دىلىمدىن يۈتكەندە ئۈچۈپ ئىزتىراپ .
دوست نىمە بىلمەيدۇ دوسنى كۆرمىگەن ،
ساداقەت ۋاپا نىڭ گۈلىنى كۆرمىگەن .
ۋاپا ئۇ چىن دوسقا ئادەتتۇر بىلگىن ،
خىيانەت خۇلقىنى راۋا كۆرمىگەن .؟
2017.02.23
| 39 قېتىم كۆرۈلدى | taxtug | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-28 15:22:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|