كەتسەڭ گۈلۈم كەلمىگىن قايتىپ             
ئابدۇرازاق (شەمئى)
كەتسەڭ گۈلۈم  كەلمىگىن قايتىپ،
پۇراپ قالماي باھاردىن سېنى.
چېچەكلەرگە ھېدىڭنى بېرىپ،
بىھۇش قىلىپ قىينىما مېنى.
كەتسەڭ گۈلۈم كەلمىگىن قايتىپ،
كۆرۈپ قالماي ئايدىن ھۆسنىڭنى.
سىرلىرىڭنى بەرمە يۇلتۇزغا،
ئەسلەپ قالماي شەخلا كۆزۈڭنى.
  
كەتسەڭ گۈلۈم كەلمىگىن قايتىپ،
چۈشلىرىمگە كىرمە ئالدىراپ.
سىياقىڭنى سېغىنىپ شۇ دەم،
ئۇيقۇلىرىم بولمىسۇن بىتاپ.
كەتسەڭ گۈلۈم كەلمىگىن قايتىپ،
ئالدانمىسۇن ئۈمىدكە قەلبىم.
چېقىپ ئۆچكەن چاقماق دەپ بىلەي،
سەنسىزلىككە چىدىماس ئىدىم.
2017.6.12  تاشقورغان
ئاپتۇرى: قەشقەر ئونۋېرسىتىتى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىسى
      
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
| 153 قېتىم كۆرۈلدى | abdurazak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-14 0:37:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |