يوقسۇزلۇق
)ئېلىجان ئابدۇكېرىم (
دوستنى دوستتىن چاندۇردىغۇ يوقسۇزلۇق ،
ئەلنى ئەلدىن تاندۇردىغۇ يوقسۇزلۇق .
كۈلپەت تارتساق بوينىمىزدىن باغلاپ ئۇ،
ئۆز كۆڭلىنى قاندۇردىغۇ يوقسۇزلۇق .
تاندۇردىغۇ تۇغقانلارنى تۇغقاندىن،
ئازدۇردىغۇ توغرا يولنى تۇتقاندىن،
ئەل غېمىدە ياخشى يولنى تۇتقاندىن،
شەيتان كەبى ئازدۇردىغۇ يوقسۇزلۇق .
ئازاپ چەكتۇق گاھ زار بولۇپ بىر نانغا،
ئوخشاپ قالدۇق ئىنسان تۇرۇپ شەيتانغا،
يۈز كېلەلمەي قالدۇق بۈگۈن ۋىجدانغا،
يىلان كەبى چاقتۇردىغۇ يوقسۇزلۇق .
يېتەلمىدۇق پۇل تۈپەيلى ئارمانغا،
پۇل كەتتىغۇ چوڭراق تىنىپ قويغانغا،
ئازراق ئىشقا ھاجەتمەن بولۇپ قالغاندا،
كۈنلەر بويى ماڭدۇردىغۇ يوقسۇزلۇق .
باينى ئېغىزلاندۇرغىنى پۇلمىدۇ،
ماڭىمۇ ھەم تىل چىقارغان پۇلمىدۇ،
پۇلى يوقلار تەشۋىشلەرگە قۇلمىدۇ،
ئەجەپ كۈنگە قالدۇردىغۇ يوقسۇزلۇق .
ئۈندىدار 2318334127
| 56 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-5 0:03:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|