ئىگىسى با جاھان بۇ
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
چاغلاپ ئۇينا ئۇيۇننى،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
بوشراق تولغا بۇيۇننى،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
ئامەت قۇچاق ئاچقاندا،
پىچاق ئاتما ئاسمانغا،
يازدىن كىيىن قىشى با ،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
ھەربىر ماڭغان قەدەمدىن،
ھەتتا تىنغان تىنىقتىن.
ھېساپ ئالار ھەر ئىشتىن،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
خاتا باسما قەدەمنى،
كۆرمىدى دەپ ھېچكىشى.
ئاي ۋە يۇلتۇز گۇۋاھچى ،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
دوراپ يۈرمە چاياننى،
ئۇلگە قىلىپ ناداننى.
بۇغداي دىمە ساماننى ،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
ئۆزەم تېپىپ يىدىم دەپ،
قىلىپ يۈرمە قۇرۇق گەپ.
نەدە باركەن بىكا نەپ،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
يىسەڭ خەقنىڭ ھەققىنى،
ئالتۇن دىسەڭ كىسەكنى.
بۇياپ ساتساڭ كىپەكنى،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
نىمە ئاق نىمە قارا،
كۆزۈڭنى ئېچىپ قارا.
تەپەككۈر قىل ھەم ئۇيلا،
ئىگىسى با جاھان بۇ.
ئۇندىدار؛13699976214
57 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-16 17:04:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|