يامغۇر
بەزىلەر ئېسل داچىلاردا ئولتۇرۇپ يامغۇر تاماشاسى قىلسا،يەنە بەزىلەر يامغۇر ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئەسكى ئۆيىدە گۈزەل كەلگۈسىنى خىيال قىلىدۇ.
ھىلىمۇ ئېسىمدە، بالىلىقىمدا لاي قىشتىن پۈتكەن ئەسكى ئەمما مىھىرلىك ئۆيۈمدىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتكىنىدە،يامغۇرغا خىتاب قىلاتتىم:
ئەي يامغۇر ،سەن ئاسماننىڭ كۆز يىشىمۇ؟ ياكى كىشىلەر ئىيتقاندەك پاكلىغۇچى پەرىشتىمۇ ؟
نىمىشقا ئۆگزەمدىن ئۆيۈمگە تامچىلايسەن ،سەن ياكى بىراۋنىڭ دەرت ئەلىمىمۇ ؟ باشقىلارنى خورلاش بەدىلىگە خۇشاللىق تاپىدىغان …؟!
كۈنلەر ئۆتتى،مەنمۇ چوڭ بولۇشقا باشلىدىم،يىڭى ئۆيگىمۇ ئىرىشتۇق.
يامغۇر ياغدى، بىراق ئۆيىمىزدىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتمىدى .دىرىزەمدىن يامغۇرغا قارىغاچ ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىدىم ،يەنە كىملەر مەن كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرۋاتقاندۇ ؟
كىملەرنىڭ ئۆيىدىن يامغۇر ئۆتۈپ، كىملەر سوغۇقتا تىترەۋاتقاندۇ ………؟؟؟!!!

2016.يىلى 8.ئاينىڭ 24.كۈنى يەكەن ئەرچىن خاتىرسىدىن




187 قېتىم كۆرۈلدى arqen ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-24 22:00:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ