🌴 سەرسان روھ 🌴
ساۋۇت سەدەن (ئانارى)
ئىزلەيمەن ھىدىڭنى شامالدىن دائىم ،
بىر ئۇچۇم تۇپرىقىڭ توتىيا ماڭا .
سولاشقان گۇل كەبى نىمجان ھالىم ،
ئۇزۇلمەسكە رىشتىم باغلانغان ساڭا .
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
غوللارغا كېچىك قىپ دەسىگەنتاشلار ،
گۆھەردەك بىلىندى مېنىڭغا بۇگۇن .
ياش ئىدىم مەن تېغى ئاقاردى باشلار ،
قالارمۇ ئارمانلار يىشىلمەي تۇگۇن .
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
جەننەتتەك باغرىڭنى سېغىندىم شۇنچە ،
تۇنجى رەت نەپسىم باشلانغان سەندىن .
سېنى دەپ نەزمىلەر تىزدىمغۇ قانچە ،
باغرىڭدا ئۇلۇشمۇ تاتلىقكەن جاندىن .
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
جۇدالىق دەردى قىينىدى مېنى ،
پۇشايمان دارىغا ئېسىلغان روھىم.
ئاھ يۇرتۇم قوينىڭغا ئالساڭچۇ مېنى ،
خىيالىم ئارمىنىم سېنىڭدا دائىم .
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
| 31 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن (ئانارى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-14 12:23:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|