ئېرىم ئىكەن (شېئىر) - گۈلنىسا سادىر

 ئېرىم ئىكەن 

يەكەن تاغارچى ئوتتۇرا مەكتەپتىن گۈلنىسا سادىر


دەرىتلىرىمنى بىللە تارىتقان ئېرىم ئىكەن،
شەيتىنىمغا تاشلار ئاتقان ئېرىم ئىكەن.
سەپىرىمدە دۇچار بولسام چېغىر يولغا،
مەندىن ئارتۇق بېشى قاتقان ئېرىم ئىكەن.

پەخىرلىنىپ مەدەت تىلەپ غەلبە قۇچسام،
بىشىمدىن ھەم چاچقۇ چاچقان ئېرىم ئىكەن.
غەملەر مېنى ئېلىۋالسا قورشاۋىغا،
مەندىنمۇ بەك غەمگە پاتقان ئېرىم ئىكەن.  

ئازاپلىنىپ تۆككەندە ياش،دائىم ياندا،
تەسەللى قىپ ،كۆز يېشىمنى سۈرتەر ئىكەن.
بارلىقىنى ماڭا ئاتاپ چىن قەلبىدىن،
سۆيگەن ئەسلى قەدىردانىم ئېرىم ئىكەن.





61 قېتىم كۆرۈلدى گۈلنىسا سادىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-6 23:26:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ