مەن يوق
ئەركىن
گۈل رەيھانغا تولدۇرۇپ،
كەلگەندە باغىڭنى مەن يوق.
تاڭسەھەردە چاي قۇيماق،
بولغان چېغىڭدا مەن يوق.
دىل ئازابىڭ دەرت تۇغانى،
ئاچماق بولغاندا مەن يوق.
شات كۈلدۈرۈپ بىرچاغ سېىنى،
سۆيگەن نىگارىڭ مەن يوق.
دىل بېغىڭغا باشلىماي ،
تۇتقان شارابىڭغا مەيلىم يوق.
تولغۇنۇپ ھىجران بېغىدا،
ئەسلىگىنىڭدە مەن يوق.
كۈل دىگەن سۆيدۈم دىگەن،
ئاشىقىڭ يېنىڭدا مەن يوق.
گۇمان قىلمابۇكۆڭلۈمدىن،
ئەسلىگىنىڭدە مەن يوق.
چۈشەنمەستىن ئۈمۈد ئۈزسەڭ،
چۈشەنگەندە يېنىڭدا مەن يوق.
پەرۋاسىزلا كۈلۈپ ئۆتسەڭ،
كۆزياشلىرىڭدا مەن يوق.
زىمىستان باسسا قەلبىڭنى،
ئىللىتار جانانىڭ مەن يوق.
پىراقىڭدا ئۆلدۈم دىگەن،
سىنى سۆيگەن ئەزىزەڭ مەن يوق.
خۇنىكلەشسە بىھۇش قەلبىڭ،
چىراق كەبى يۇلۇڭدا مەن يوق.
قەدىرلە سەن ئۈشبۇ قەلبىمنى ،
ئايغا باققاندا مەن يوق.
2016.4.12
93 قېتىم كۆرۈلدى | viros | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-8 11:54:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|