ئانام چىرايلىق (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 ئانام چىرايلىق
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ئاناڭ بولغاچ سۆزۈڭ چىرايلىق،
سۆزۈڭ ئەمەس،دىلىڭ چىرايلىق،
كۆز تەگمىسۇن خۇلۇقلىرىڭغا،
ئاناڭ بولغاچ،ھەممە چىرايلىق.

ئاناڭ بولغاچ ئۆيۈڭ چىرايلىق،
ئۆيۈڭ ئەمەس،دۇنيا چىرايلىق،
بولغاچ پەقەت مېھرىبان ئاناڭ،
بارچە گۈللەر خوش-خۇي پۇراقلىق.

ئاناڭ بولغاچ ئۆزۈڭ چىرايلىق،
ئۆزۈڭ ئەمەس بالاڭ چىرايلىق،
ئانا دىسەم سۆيۈپ سېنىڭنى
ئانام دىدى بالام چىرايلىق.

بايرىمىغا مۇبارەك ئانا،
قىزىل گۈللەر سۇنىمەن ساڭا،
بارچە ئانا تولسۇن شادلىققا،
ئانام بولغاچ دۇنيا  چىرايلىق .
     





109 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-23 9:50:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ