يارغا مەكتۇپ - ئىپارگۈل(ياۋايى)

  يارغا  مەكتۇپ 


 ئىپارگۈل(ياۋايى)


 كەلگىن ئەزىزەم بەرگىن قولۇڭنى
كەتمە تاشلاپ زۇلمەت قوينىغا مېنى.
مۈرىگە مۈرە تىرەپ ئولتۇرۇپ بىز
ئەسلەيلى بىرگە يۈرگەن كۈنلەرنى.

دەيتىڭ سېنى مەندىن باشقىسى
قىلالمايدۇ مەڭگۈ بەخىتلىك.
مېنىمۇ ھەم سەندىن باشقىسى
قىلالمايدۇ تاجۇ–تەخىتلىك.

سۆزلىرىڭنى ئۇنۇتتۇڭمۇ يار؟
ۋەدىلىرىڭدىن تاندىڭمۇ يار؟
مېنى تاشلاپ تەنھالىق قوينىغا
يىراقلارغا كەتتىڭمۇ يار؟

سۆيگۈ ئازابىنى تارتمىغان ئەسلى
تارتتىم بۈگۈن ئاچچىق ئازاپنى.
سۆيگۈ خەنجىرى يۈرەككە تەگدى
پارە قىلدى ئوتلۇق يۈرەكنى.

ئويلىمىغان كېچىدۇ مەندىن دەپ
تانىدۇ ۋەدىسى سۆيگۈسىدىن دەپ
لېكىن سەن تاندىڭ كەتتىڭ يىراققا
رىئاللىق قىينىدى:«يالغۇز قالدىڭ »دەپ.

مەيلى مەن قىيلىناي ئوتۇڭدا كۆيەي
سۇ بولۇپ مەڭگۈگە كۆلىڭدە ئاقاي.
سەن ماڭغىن يولۇڭغا بەختىڭنى تاپ
مەن كەينىڭدىن ياخشى تىلەكلەر تىلەي.
     





24 قېتىم كۆرۈلدى ئىپارگۈل(ياۋايى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-5 9:14:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ